شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 10-سېنتەبىر تېلېگراممىسى : جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇق يىلى ۋە 3-نۆۋەتلىك ئەرەب سەنئەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 10-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى . دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ ، دوستلۇق يىلى پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى . ئۇ مۇنداق دېدى : جۇڭگو ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ، ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى تارىختا ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى . جۇڭگو-ئەرەب دوستلۇق يىلى پائالىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئىككى تەرەپ خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇق مېھرىنى كۈچەيتىپ ، جۇڭگو-ئەرەب ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى پۇىتا ئەل رايى ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ .
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى ، نۆۋەتتە ، جۇڭگو-ئەرەب مۇناسىۋىتى يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر-بىرىگە باغلايدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا ، تىنچلىق ، ھەمكارلىق، ئېچىۋېتىش ، كەڭ قورساق بولۇش ، ئۆزئارا ئۆگىنىش ، ئەينەك بولۇش ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ، تەڭ بېيىش جۇڭگو-ئەرەب مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى .
مەن جۇڭگو-ئەرەب مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن . جۇڭگو تەرەپ باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن جۇڭگو-ئەرەب مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىدۇ ، جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ ، جۇڭگو بىلەن ئەرەبنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved