ئەنگلىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، ئەنگلىيەدىكى خاررى شاھزادە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كاپېتوۋندا ئۆتكۈزۈلگەن خەير-ساخاۋەت مەقسەت قىلىنغان ئات توپى مۇسابىقىسىدە، ئېتھىياتسىزلىقتىن ئاتتىن يىقىلىپ چۈشكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىككى تەرەپ ئايرىم ئايرىم ھالدا خاررى شاھزادە باشچىلىقىدىكى Sebtebale ئەترىتى ۋە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ياردەم بەرگەن خان جەمەتى ھۆرمەت توپى ئەترىتى ئىكەن. ئەمما مۇسابىقە جەريانىدا، خاررى شاھزادە ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، تېزلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەن. شۇ كۈنى خاررى شاھزادە ئۇچىسىغا 2-نومۇرلۇق ئاق رەڭلىك توپ كىيىمى ۋە قارا رەڭلىك باش كىيىمى كىيىپ، رېيبان ماركىسىدىكى ئاپتاپتىن توسۇش كۆزئەينىكى تاقىۋالغانىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم جەنۇبىي ئافرىقا كاپېتوۋندا ئۆتكۈزۈلگەن خەير-ساخاۋەت مەقسەت قىلىنغان بۇ ئات توپى مۇسابىقىسى ئاساسلىقى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى لېسوتودىكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئۈچۈن قۇرۇلىدىغان خەير-ساخاۋەت ئورگىنىغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن پۇل جۇغلاش پائالىيىتى ئىكەن.
مۇسابىقە جەريانىدا، خاررى شاھزادە ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاتتىن يىقىلىپ كەتكەن دەقىقە.
مۇسابىقىدە، خاررى شاھزادە ئاتتىن چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئېتىنى يېتلەپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved