ئۈرۈمچى شەھىرى لۈيۈەن كوچىسى باشقۇرۇش كومىتېتى ميەنخۇا جەنۇبىي يولى مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر مۇقىملىقنى قوغداۋاتقان ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن ھال سورىماقتا
يېقىندىن بۇيان ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ئىزچىل ئۆرلىدى ، ھەر قايسى جايلاردا مۇقىملىقنى قوغداۋاتقان ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر قاتتىق ئىسسىققا قارىماي ، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى . كۆپچىلىك ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ ، كوچىلارغا چىقىپ تۈرلۈك شەكىللەردە ئۆز ئەتراپلىرىدىكى بۇ قوغدىغۇچىلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرشتى .
‹‹ھاۋا ئىسسىق ، كۆپچىلىككە سۇ ئېلىپ بېرىڭلار ! ›› . 28-ماي چۈشتىن بۇرۇن ، بىر بوۋاي مومىيى بىلەن ج خ نازارىتى ئالاھىدە ساقچى باش ئەترىتىنىڭ لاۋازىمات تارماق ئەترىتىگە كېلىپ ، ساقچىلارغا بىر پارچە خەت ۋە 1000 مىڭ يۈەن ھال سوراش پۇلى تۇتقۇزۇپ قويۇپ كەتتى . خەتتە : ‹‹ مەن بۇ يىل 81 ياشقا ، ھەمراھىم 75 ياشقا كىردى ، گەرچە بىز سىلەر بىلەن بىر سەپتە بولۇپ ، قاراۋۇللۇقتا تۇرالمىساقمۇ ، قەلبىمىز مەڭگۈ سىلەر بىلەن بىللە ، سىلەر زوراۋانلىق ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كېچە-كۈندۈز ھاردىم-تالدىم دېمەي تۇرۇۋاتىسىلەر ، سىلەرگە بولغان ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز...›› دەپ يېزىلغانىدى .
‹‹ بالىلىرىم ، جاپا تارتتىڭلار! ››. 29-ماي ، لۈيۈەن كوچىسى رايونى ميەنخۇا جەنۇبىي يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق 69 ياشلىق سادىق ھاجى ئۈرۈمچى شەھىرى چاڭجياڭ يولى خەلقئارا سودا سارىيى توپ تارقىتىش بازىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى قاراۋۇللۇق نۇقتىسىغا كېلىپ ، بىر مۇنچە لۆڭگىنى بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە تارقىتىپ بەردى ۋە ئۆلچەملىك ھەربىيچە سالام ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى .
40 يىل خەلق ساقچىسى بولغان سادىق ھاجى قاتتىق ئىسسىقتا فورما كىيىپ ، تولۇق قوراللانغان ھەربىي-ساقچىلارنىڭ پېشانىسىدىن ئېقىۋاتقان تەرنى كۆرۈپ ئۇلاردىن ھال سورىغۇسى ، ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگۈسى كەلگەنىدى . بۇنىڭ بىلەن ، ئۇ 200 يۈەن ، بىر قانچە قوشنىسى 265 يۈەن يىغىپ ، بۇ لۆڭگىلەرنى سېتىۋالغانىدى .
29-ماي ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىكى كادىرلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا قەشقەر شەھىرىدىكى ھەر قايسى قاراۋۇللۇق نۇقتىلىرىغا بېرىپ ، قاتتىق ئىسسىقتا مۇقىملىقنى قوغداۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرىدىن مىنېرال سۇ ، ئىچىملىك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن ھال سورىدى .
ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ چوقۇم ئومۇمىي ساپانى ئۆستۈرۈپ ، جەڭگىۋارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ ، پارتىيە-ھۆكۈمەت ۋە ئاممىنى خاتىرجەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
‹‹جاپا تارتتىڭلار ! سىلەر بولغاچ ، ھەر مىللەت ئاممىسى خاتىرجەم ! سىلەرگە رەھمەت ! ›› . ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق 2-قارارلىق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى قانۇن-نىزام، سىياسەتلەر بىلەن تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان كۇرسانتلار 29-ماي چۈشتىن كېيىن غۇلجا شەھىرى شاڭلىن مەيدانى ۋە خۇاچېڭدىكى ساقچى ئىشلىرى مۇلازىمەت پونكىتىدا مۇقىملىق ساقلاۋاتقان ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن ھال سوراپ ، ئۇلارغا بولغان رەھمىتىنى بىلدۈردى .
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved