ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك بازىرىنى تۈزەش – تەرتىپكە سېلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك بازىرىنىڭ تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى ساختا ياسالما دورىلىرىنىڭ دورا بازارلىرىغا كىرىشى ۋە سېتىلىشىنى چەكلەپ، خەلقنىڭ دورا ئىشلىتىش، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشنىڭ تەدبىرىنى كۈچەيتتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ يىل 6 – ئايدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك بازىرىدىكى دورا – دەرمەك دۇكانلىرى، ساغلاملىق بۇيۇملىرى دۇكانلىرى، ئۇيغۇر تېبابىتى ياسالما دورىلىرى ۋە دورا ماتېرىياللىرى دۇكانلىرىنى تەكشۈرۈپ، كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىش، سۈپەتسىز، ئۈنۈمسىز، ساختا ياسالما دورىلارنى سېتىش، ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ياسالما دورىلىرىغا تەقلىد قىلىپ ساختا دورا ياساپ سېتىش قىلمىشىنى بايقىدى ھەم شۇنىڭغا ئاساسەن، 12 – ئاۋغۇست ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى بۇلاقبېشى كوچىسىدىكى ساغلاملىق بۇيۇملىرى دۇكانلىرىدىن ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ ياسالما دورىسىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان ئالتە خىل ساختا دورىدىن 3000 قاپنى تاپتى، شۇنداقلا مەزكۇر دۇكاننىڭ كىنىشكىسىز تىجارەت قىلغانلىقىنى ئېنىقلىدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۆمەرجان ئاتاۋۇللا مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك بازىرىنى مەنبەدىن تۈزەش – تەرتىپكە سېلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ياسالما دورا سەپلەش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتى ياسالما دورىلىرى ۋە ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك بازىرىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداپ، خەلقنىڭ ئىشەنچلىك دورا، ساغلاملىق بۇيۇمى ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچەيمىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved