دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 3-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى سارىپۇل ۋىلايىتىدە 11 كىشىنىڭ تالىبان تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. سارىپۇل ساقچى ئىدارىسى باشلىقى نۇر ھەبىب گۈلباھارى، ۋىلايەتكە قاراشلىق بەلخەب ناھىيەسىدىن ۋىلايەت مەركىزىگە مېڭىۋاتقان 11 كىشىنىڭ سانچاراك ناھىيەسىنىڭ ئاب كالان رايۇنىدا تالىبان قۇراللىقلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
گۈلباھارى، تالىباننىڭ يۇقارقى كىشىلەرنى قەيەرگە ئېلىپ كەتكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق بىرەر يىپ ئۇچى يوقلىقىنى ئېيتىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىزمەت باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تالىبان تەرەپ ۋەقەگە ئالاقىدار تېخىچە بىرەر بايانات ئېلان قىلمىدى. يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئافغانىستاندا ئادەم تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرى كۆپىيۋاتقان بولۇپ، ئافغانىستاندا 4 كۈن بۇرۇن بەلخ ۋىلايىتىنىڭ شۇلگىرى ناھىيەسىدىن 5 كىشى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved