لەگلەك تورى تەرجىمىسى :جۇڭگو تەيۋەن يەر تەۋرەش تورنىڭ ئۆلچەپ بېكىتىشگە ئاساسلانغاندا، 04-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 09 دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە تەيۋەن خۇالىيەن ناھىيەسىگە يېقىن دېڭىزدا (شىمالىي كەڭلىك 24.0 گرادۇس ،شەرقىي ئۇزۇنلۇق 122.5 گىرادۇس) 6.4 بال يەر تەۋرىگەن.تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چۇڭقۇرلۇقى 7 كىلومېتىر .تەۋرەش مەركىزى ئارىلىقى تەيبېي شەھەر رايونىدىن 149 كىلومېتىر يىراقلىقتا.
تەيبېي،شيامېن ،فۇجۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئاممىنىڭ تەۋرەش سېزىمى كۆرۈنەرلىك بولغان.بەزى كىشىلەر يەر تەۋرىگەندە كۇتۇپخاندىن يۈگۈرۈپ سىرتقا قاچقان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ئۆيىدىكى ئاسما چىراغ ئوڭ-سولغا تەۋرەنگەن بولۇپ، باش قېيىش سېزىمى كۈچلۈك بولغان.
4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى جۇڭگو تەيۋەن تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن 09:42 ئەتراپىدا تەيۋەن شەرقىي دېڭىز تەۋەسى ئەتراپىدا يەر تەۋرەش سېزىمى بولغان، دەسلەپكى مۆلچەردە 6.3 بال يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرىگەندىن كىيىنكى ئەھۋاللار تېخى ئېنىق ئەمەس.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved