ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 23-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە ، ئەنگىلىيەنىڭ داڭلىق سودا تورى ASOS نىڭ جەنۇبىي يورك ۋىلايىتىدىكى مەركىزىي ئامبىرىغا ئوت كېتىپ ، نۇرغۇن مال كۆيۈپ كەتكەن ، تور بەت ۋاقتىنچە تىجارەت توختاتقان .
ئوت ئاپىتى شۇ يەر ۋاقتى 20-ئىيۇن كەچ سائەت 10:00 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ ، ئوت ئامبارنىڭ 2-قەۋىتىدىن باشلاپ تۇتىشىپ ، 3- ، 4-قەۋەتلەرگىچە يامرىغان . 50 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوتنى ئۆچۈرگەن ۋە 500 دىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىمنى تارقاقلاشتۇرغان . بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدە ASOS نىڭ زىيىنى ناھايىتى ئېغىر بولغان .
گەرچە كۆيۈپ كەتكەن ماللارنىڭ سانى ئېنىق بولمىسىمۇ ، لېكىن شىركەت تور تىجارىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە خېرىدارلارنىڭ پۇللىرىنى تولۇق قايتۇرىدىغانلىقى ياكى ئامالنىڭ بېرىچە ئۇلار سېتىۋالغان ماللارنى تېزلىكتە يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى ، تور دۇكىنىنىڭ تىجارىتىنى تېزلىكتە ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن .
ASOS ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ چوڭ تور دۇكىنى بولۇپ ، تەرەققىياتى ناھايىتى تېز ئىكەن . ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە ، 2013–يىلىASOS نىڭ سېتىش سوممىسى 750 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 800 مىليون خەلق پۇلىغا تەڭ ) دىن ئېشىپ كەتكەن . بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى ASOS قا نىسبەتەن 2–قېتىملىق زەربە بولۇپ ، 2005-يىلىمۇ بىر قېتىم ئوت كەتكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved