نېپالدا قالدۇق يەر تەۋرەش بىر نەچچە ئاي داۋاملىشىشى مۇمكىن

نېپالدا يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەشكە ئائىت قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا
26 – ئاپرېل سائەت 15 تىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە نېپالدا يەنە 7.1 بال يەر تەۋرىدى. ھازىرغا قەدەر نېپالدىكى 8.1 بال يەر تەۋرىگەن جاينىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئىككى قېتىم يەتتە بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىدى. كەلگۈسىدە يەنە كۈچلۈك يەر تەۋرەمۇ؟ ئېلىمىزنىڭ شىزاڭ رايونىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟ مۇخبىر جەمئىيەتتىكىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىسمەن مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تور مەركىزى يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، تەتقىقاتچى جياڭ خەيكۈننى زىيارەت قىلدى.
1 – مەسىلە: نېپالدىكى يەر تەۋرىگەن رايوندا يەنە كۈچلۈك يەر تەۋرەمدۇ؟
جياڭ خەيكۈن مۇنداق دېدى: يەتتە بالدىن يۇقىرى ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەش نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. سەككىز بال ئەتراپىدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتىن كېيىن قالدۇق يەر تەۋرەش ھەرىكىتىنىڭ ئۇدا نەچچە ئاي داۋاملىشىش ئېھتىماللىقى بار. نېپال ۋە ئېلىمىزنىڭ شىزاڭ رايونىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما كەلگۈسى بىر مەزگىلگىچە كۈچلۈك قالدۇق يەر تەۋرەشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 26 – ئاپرېل نېپالدىكى 7.1 بال قالدۇق يەر تەۋرىگەن ئورۇننىڭ ئاساسلىق تەۋرەش مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 130 كىلومېتىر بولۇپ، كاتماندۇنىڭ شەرقىگە تەخمىنەن 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، بۇ جاينىڭ ئېلىمىز چېگرا سىزىقى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 15 كىلومېتىر، نيېلامۇ ناھىيە بازىرى بىلەن ئارىلىقى تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
2 – مەسىلە: ئېلىمىزگە نىسبەتەن قانداق تەسىرى بار؟
نېپالدا كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ شىزاڭ رايونىدا ئارقا – ئارقىدىن 5.9 بال ۋە 5.3 بال يەر تەۋرىدى. جياڭ خەيكۈن مۇنداق دېدى: نېپالدا يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئېلىمىزدىكى قوشنا رايونلاردىمۇ يەر تەۋرەپ، تەۋرەش تەسىرىنىڭ ناھايىتى روشەن بولۇشى ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار رايونلىرىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى كۈچىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقى، دولقۇنلىنىش شارائىتىنى ھازىرلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شىزاڭدىكى ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەش ئەمەلىيەتتە نېپالدىكى 8.1 بال يەر تەۋرەشنىڭ كۈچىنىش دولقۇنىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
3 – مەسىلە: ئەگەشمە ئاپەت ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟
بۇ قېتىمقى نېپالدىكى يەر تەۋرەش ۋە قالدۇق يەر تەۋرەش ھىمالايا تېغىدا كۆپ قېتىم قار كۆچكۈنى پەيدا قىلدى. جياڭ خەيكۈن مۇنداق دېدى: مەن ئۇ يەرلەرنىڭ قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى ۋە جۇغراپىيەلىك تۈزۈلۈشى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، ناۋادا شارائىتى ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىي رايونلىرىغا ئوخشىشىپ كەتسە، تاغلىق رايونلاردا يەر تەۋرىگەندە تاغ غۇلاش، لاتقا – شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئەگەشمە ئاپەتلەر يۈز بېرىپ، قۇتقۇزۇشقا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نېپال يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان جاي بولۇپ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنى قوشقاندا، 1900 – يىلىدىن بۇيان جەمئىي سەككىز قېتىم كۈچلۈك يەر تەۋرىگەن. نېپالدا 1934 – يىلىمۇ 8.1 بال كۈچلۈك يەر تەۋرىگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى تەۋرىگەن ئورۇن بىلەن بولغان ئارىلىقى 130 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
4 – مەسىلە: نېمە ئۈچۈن ھەر قايسى ئەللەرنىڭ يەر تەۋرەش دەرىجىسىنى ئۆلچەپ بېكىتىشى ئوخشاش ئەمەس؟
نېپالدىكى يەر تەۋرەشنى ئېلىمىز يەر تەۋرەش ئىستانسىسى 8.1 بال دەپ ئۆلچىگەن، ھالبۇكى ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى 7.9 بال دەپ ئۆلچىگەن. نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟ جياڭ خەيكۈن مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسى توغرىسىدىكى پارامېتىر ئۆلچىمىدە بەلگىلىك پەرق مەۋجۇت، مەسىلەن: ئېلىمىزدە ئۆلچىنىدىغىنى يۈز دولقۇنىنىڭ تەۋرەش دەرىجىسى، ئامېرىكىدا ئۆلچىنىدىغىنى تىك تۆت تەرەپلىك تەۋرەش دەرىجىسى. ئوخشاش بىر يەر تەۋرەشكە نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان ئاپپاراتلارنىڭ ئۆلچەش ئارقىلىق ئېرىشكەن تەۋرەش دەرىجىسىدە بەلگىلىك پەرق بولۇشىغا يول قويۇلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
29-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
02-05-2016
    ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
Powered by Leglek