يەر شارى تورى 11-ئاۋغۇست خەۋىرى : لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراقتىكى رادىكال قۇراللىق كۈچلەرنىڭ بىر قوللىغۇچىسى «ئوتتۇرا شەرق» غازاتچىلىرى تورىدا «بۈگۈن سىلەر ئىراقنى بومباردىمان قىلدىڭلار، ئەتىلا سىلەرنىڭ سېئاتىلمۇ شۇ كۈنگە قالىدۇ» دەپ داۋراڭ سالدى.
ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن، رادىكال قۇراللىقلارنىڭ رەھبىرى باغدادى پۈتكۈل دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قوللىغۇچىلىرىنى ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىشقا دەۋەت قىلدى. ئاخباراتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقىنى شۇكى، نۇرغۇن «غازاتچىلار» ھازىر رادىكال قۇراللىقلار سېپىگە ئۆتۈشكە باشلىغان، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسىنىڭ ئېيتىشىچە،رادىكال قۇراللىقلار11-سىنتەبېر ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان ئەلقائىد تەشكىلاتىدىنمۇ خەتەرلىك ئىكەن.
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،رادىكال قۇراللىقلار 9-ئاۋغۇست غەربكە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن، ئۇلار توردا بىر تەشۋىقات فىلىمى يوللاپ:«سىلەر ئەسكەرلىرىڭلارنى ئەۋەتىڭلار، بىز ئۇلارنى ئىراقتا يەنە نومۇستا قالدۇرىمىز، سىلەرنىڭ ئەسكىرىڭلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نومۇستا قالىدۇ » دېگەن.
رادىكال قۇراللىقلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى يەنە توردا زور مىقداردا ئۇچۇر يوللاپ، كەڭ كۆلەمدە ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى ئامېرىكىلىقلار ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇلار يەنە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بۇرۇنقى توقۇنۇشلاردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئىراقتىكى فەلۇجەدە كۆۋرۈككە ئېسىپ قويۇلغانلىقى، جەسىتىنىڭ پارچىلانغانلىقى، 11-سىنتەبېر ۋەقەسىدە نيۇيورك سودا بىناسىنىڭ كۆيۈۋاتقانلىقىغا ئائىت نۇرغۇن سۈرەتلەرنى توردا ئېلان قىلغان ھەمدە بۇ رەسىملەر ئارقىلىق ئامېرىكىلىقلارغا ۋەسۋەسە سالغان.
![]() |
بۇ 2016- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر چاي ئىچۈرۈش سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان نادىر سۈرەتلەر بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سۈرەتلەر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved