چېگرىسىز خەۋەرلەر ئوردوچە ئابونتلار تېرمىنالى پاكىستاندا قوزغىتىلدى

       3-فېۋرال، چېگرىسىز خەۋەرلەر ئوردوچە ئابونتلار تېرمىنالىنى قوزغىتىش مۇراسىمى پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، جۇڭگونىڭ ئوردو تىلىدا جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇقىنى نامايان قىلىدىغان تۇنجى ئەپ دېتالى، شۇنداقلا پاكىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئوردو تىلىدىكى كۆچمە خەۋەرلەر تېرمىنالى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ يەنە پاكىستان-جۇڭگو ئىلمىي جەمئىيىتى بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، چېگرىسىز خەۋەرلەرنىڭ ئوردو تىلىدىكى ئەپ دېتالى ‹‹جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇق كارېدورى›› پاكىستان ھۆكۈمەت تەرەپ بىردىنبىر بېكىتكەن دۇنياغا يۈزلىنىپ ئۇچۇر تارقىتىدىغان ئوردو تىلىدىكى تاراتقۇ سۇپىسىغا ئايلاندى.

      جۇڭگونىڭ پاكسىتاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈن ۋېيدۇڭ، پاكىستان ئۇچۇر-مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى فېيۋېس راشىد، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى تاراتقۇلار مۇنبىرىنىڭ رەئىسى ھاپىز تاھىر كارىل، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى تاراتقۇلار مۇنبىرىنىڭ باش كاتىپى سەيىد باجىر ساجىد، دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى جى ۋېنلىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لو فۇيوڭ ۋە جۇڭگولۇقلار، جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار، پاكىستاندا تۇرۇشلۇق جۇڭگولۇق كارخانىچىلار، پاكىستاندىكى 48 تاراتقۇ، تورداشلار ۋەكىللىرى ۋە پاكىستاندا خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە بولۇۋاتقان قىسمەن ھەر ساھە زاتلىرىدىن بولۇپ، 400 دىن ئارتۇق كىشى مۇراسىمغا قاتناشتى.

      2015-يىلى 3-ئايدا، جۇڭگو ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە ھەرىكەت››نى ئېلان قىلدى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە ئايلاندى. شىنجاڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››دىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېگرىسىز تاراتقۇ بارلىققا كېلىپ، جۇڭگودا تۇرۇپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد ۋە ئادىمىيەت توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلىپ كەلدى. چېگرىسىز تاراتقۇنى دۆلەت دەرىجىلىك سىرتقا تارقىتىش چوڭ سۇپىسى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››دىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇچۇر تارقىتىش سۇپىسى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› سىياسىي، سودا يۇقىرى قاتلام ئۇچرىشىشىدىكى خەلقئارالىق چوڭ سۇپىغا ئايلاندۇرۇش ئاساسىي نىشان قىلىندى. چېگرىسىز خەۋەرلەر ئوردوچە ئابونتلار تېرمىنالىنىڭ پاكىستاندا ماكانلىشىشى چېگرىسىز تاراتقۇنىڭ چەت ئەللەرگە جايلىشىشىدىكى تۇنجى بېكەت، شۇنداقلا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ تەركىبىي قىسمى.

       چېگرىسىز خەۋەرلەر ئوردوچە ئابونتلار تېرمىنالى ئاساسلىقى جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ سىياسىي خەۋەرلىرى، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئوردو تىلى پاكىستاننىڭ دۆلەت تىلى، شۇنداقلا ھىندىستان ئېتىراپ قىلغان تىللارنىڭ بىرى، پۈتۈن دۇنيادا 200 مىليون كىشى ئوردو تىلىنى ئىشلىتىدۇ. چېگرىسىز خەۋەرلەر ئوردوچە ئابونتلار تېرمىنالى ھازىرغىچە دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئوردو تىلىدا مەخسۇس پاكىستان، جەنۇبىي ئاسىيا رايونى ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئۇچۇر تارقىتىدىغان كۆچمە سۇپا، شۇنداقلا پاكىستاندىكى ھازىرغىچە بار بولغان بىردىنبىر ئوردو تىلىدىكى خەۋەرلەر ئابونتلار تېرمىنالى ھېسابلىنىدۇ.

جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈن ۋېيدۇڭ، پاكىستان ئۇچۇر-مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى فېيۋېس راشىد، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى تاراتقۇلار مۇنبىرىنىڭ رەئىسى ھاپىز تاھىر كارىل، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارېدورى تاراتقۇلار مۇنبىرىنىڭ باش كاتىپى سەيىد باجىر ساجىد، دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى جى ۋېنلىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لو فۇيوڭ قاتارلىقلار مۇراسىمدا سۆز قىلدى.

       شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لو فۇيوڭ قاتارلىقلار مۇراسىمدا سۆز قىلدى.

لو فۇيوڭ مۇنداق دېدى: چېگرىسىز خەۋەرلەر ئوردوچە ئابونتلار تېرمىنالىنىڭ پاكىستاندا قوزغىتىلىشى جۇڭگو-پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تاراتقۇ ساھەسىدىكى جانلىق ئىپادىسى. پاكىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ قۇرۇقلۇقى ئۆزئارا چېگرىلىنىدۇ، مەدەنىيىتى ئوخشاپ كېتىدۇ، بايلىق جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە.

چېگرىسىز تاراتقۇ 2014-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ تور تاراتقۇ شىركىتى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت شىركىتى ـــ ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى، جۇڭگودىكى ئەڭ تەسىرگە ئىگە تاراتقۇ گۇرۇھى ـــ ‹‹سەيشۈن›› تاراتقۇسى بىلەن بىرلىكتە بەرپا قىلغان بولۇپ، چېگرىسىز تاراتقۇ، چېگرىسىز ئاقىللار ئامبىرى، چېگرىسىز فوند، چېگرىسىز يېڭى جۇلا، چېگرىسىز يېڭى ئىتتىپاق قاتارلىق بەش ماركىغا ئىگە بولۇپ، جۇڭگودىكى يېڭى تاراتقۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلىدىن باشلاپ، چېگرىسىز تاراتقۇ يەنە داۋاملىق ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق رايونلاردىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە كۆپ تىللىق ئابونتلار تېرمىنال سۇپىسى بەرپا قىلىدىكەن. بۇنىڭدا پاكىستان تۇنجى بېكەت . بۇ، چېگرىسىز تاراتقۇنىڭ يەرشارىلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن، شىنجاڭنىڭ خەلقئارالاشقان تارقىتىش ئۈچۈن باسقان مۇھىم قەدىمى بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.


جۇڭگونىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈن ۋېيدۇڭ مۇراسىمدا سۆز قىلدى.



خەتكۈچلەر:
04-02-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    بىر نۇسخا يېڭى دوكىلاتقا ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ كىنو رېژىسسورلىرى ئىچىدە، ئاياللارنىڭ نىسبىتى ئاران %13.6 ئىكەن. 2005-يىلىدىكى %11.3 دىن 2014-يىلىدىكى %11.9 كىچە، ئون يىلدىن بۇيان ئاياللار رېژىسسورلۇق قىلغان كىنو ...
06-05-2016
    مارۋېلنىڭ سۇپېر قەھرىمان فىلىمى «ئامېرىكا كاپىتانى 3» 5-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قويۇلۇپ، كېچىلىك مەيدان 17 مىليون يۈەن (دەسلەپكى سىتاتىستىكا) بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىپ، ئىچكى ئۆلكە بازىرى كىنوچىلىق تارىخىدا تۆ...
06-05-2016
     خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ماي، شىنجاڭ قومۇلدىكى دەۋر مەيدانىدا، يېڭى بىر جۈپلەر سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. شۇ كۈنى «4-ماي» ياشلار بايرىمى كۈنى، شىنجاڭنىڭ قومۇل شە...
06-05-2016
4-ماي، خاڭدى يېزىسىنىڭ ئېرىقبويى كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان، قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-با...
06-05-2016
ئادىل غوجالىم     ‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› شىنجاڭ جۇغراپىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تارىم ئويمانلىقى، تەڭرىتاغ، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرى بار.   &...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، شاڭخەي دىسنېي باغچىسى سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت باشلاش ھارپىسىدا، خەلق ئاممىسى خۇشال ھالدا دىسنېي كىچىك بازىرى، شىڭيۈەن كۆلى ۋە باغچىنى ساياھەت قىلغان بولۇپ، نەق مەيدان ناھايىتى تەرتىپلىك بولغان. ...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاق ياقىلىقلار شياڭگاڭ ئوتتۇرا ئايلانمىسىدىكى بىر «چۈشلۈك دەم ئېلىش دۇكىنى» ئىچىدە ژۇرنال كۆرۈپ ئارام ئالماقتا. بۇ «چۈشلۈك دەم ئېلىش دۇكىنى» يېقىندا ئوتتۇرا ئايلانمىدىكى پۇل مۇئامىلە رايونىدا تىجارەت ب...
05-05-2016
     يۈننەن شياڭگېرىلا بالوڭزون قارلىق تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5545 مېتىر بولۇپ، يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا شياڭگېرىلادىكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى ھېسابلىنىدۇ. ماي ئېيىدىكى بالوڭزون قارلىق &nbs...
04-05-2016
    «ياشلىقنى مەدھىيىلەش، مېھىر-مۇھەببەت تۇتاشتۇرۇش» شىنجاڭ «4-ماي» ياشلار ھەرىكىتىنىڭ 97 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ياشلىق كونسېرتى غەلىبىلىك ئاياغلاش...
04-05-2016
     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئورۇنلاشتۇرغان، شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ‹‹پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى›› ناملىق كونسېرت 28 – ئاپرېل ئاپتون...
Powered by Leglek