كورىيە ھەربىي تەرەپ قوراللىق ھۇجۇم قىلغۇچىنى مۇھاسىرىگە ئالدى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 23-ئىيۇن تېلېگراممىسى : چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، كورىيەنىڭ كاڭۋوندو ئۆلكىسى كوسوڭ ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدىكى بىر قۇرۇقلۇق ئارمىيە قاراۋۇلخانىسىدا 22-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن قوراللىق ئېتىشىش يۈز بېرىپ ، بەش ئەسكەر قازا قىلغان ، يەتتە ئەسكەر يارىلانغان .


22-ئىيۇن ، قوراللىق قاچقۇن ئەسكەر لىن X ئۆزىنى قوغلاپ كەلگەن ئەسكەرلەر بىلەن ئېتىشقان ھەمدە ھەربىي تەرەپنىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالغان . نۆۋەتتە ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى قورالنى تاشلاپ تەسلىم بولۇشقا نەسىھەت قىلىۋېتىپتۇ .


ھەربىي تەرەپ مۇھىم يوللارغا پىستىرما قويۇپ ، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كېچىدە يورۇتۇش بومبىسى ئىشلىتىپ ، قاچقۇن ئەسكەرنى تىك ئۇچار بىلەن قوغلىغان . ئىگىلىنىشىچە ، قوغلاپ تۇتۇش جەريانىدا لىن X نى قوغلاۋاتقان بىر ئەسكەر يارىلانغان ۋە تىك ئۇچار بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان . ھازىرغا قەدەر ، شۇ ئەتراپتا تۇرۇۋاتقان پۇقرالارنىڭ يارىلانغانلىقى ياكى قازا قىلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات يوق ئىكەن .


كورىيە ھەربىي تەرەپ بىلدۈرۈشىچە ، ھازىر لىن X نىڭ ئاتا–ئانىسى ئۇنىڭغا قورال تاشلاش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىۋېتىپتۇ ، ناۋادا ، ئۇ يەنە كەينىدىن قوغلاۋاتقان ئەسكەرلەرگە قارىتىپ ئوق چىقىرىدىغان بولسا ، ھەربىي تەرەپ ئۇنى ئېتىۋېتىدىكەن . نۆۋەتتە ، ھەربىي تەرەپ بارلىق يوللارنى قامال قىلىپ ، شۇ ئەتراپتا تۇرۇۋاتقان 540 دىن ئارتۇق ئاھالىنى قوغداشنى كۈچەيتكەن .


ھەربىي تەرەپ ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئىككى تەرەپ كورىيە–چاۋشيەن ھەربىي ھەرىكەتسىز رايوننىڭ جەنۇبىدىكى پۇقرالار كىرىش چەكلەنگەن مۇداپىئە رايوننىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدىغان جايدا تىركىشىپ قالغان . نۆۋەتتە ھەربىي تەرەپ لىن X نى مۇھاسىرىگە ئېلىۋېلىپ ، ئۇنىڭدىن قورال تاشلاشنى تەلەپ قىلغان . ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغان يەرلىكتىكى ئاھالىلەر رادىيو ئارقىلىق باشقىلارغا ئەھۋالنى ئۇقتۇرغان ھەمدە تاساددىپىيلىق يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامال بار سىرتقا چىقماسلىقىنى ئەسكەرتكەن .



خەتكۈچلەر:
24-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek