دۇنيا ئەيدىز كۈنى: تەتۈر يۆتكىلىش ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ئۇسۇلى تۆھپە كۆرسەتتى

     ب د ت تورىنىڭ 30-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 1-دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ب د ت سىستېمىسى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، تەتۈر يۆتكىلىش ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ئۇسۇلى(抗逆转录病毒疗法)نى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بارلىق كىشىلەر توپىغا كېڭەيتىپ، كېيىنكى ئەۋلادلاردا ئەيدىز بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلغان.

   دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 31-ئۆكتەبىر مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلىش نىشانىنىڭ ئاللىقاچان مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت تەتۈر يۆتكىلىش ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.


        دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كۆرسىتىپ، تەجرىبىلەردىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ يۇقۇملانغاندىن كېيىن دەرھال تەتۈر يۆتكىلىش ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش دورىلىرىنى ئىشلەتسە، ئۇنىڭ ساغلام ھالەتنى ساقلاپ تۇرۇشىنىڭ ئېھتىمالغا تېخىمۇ يېقىن ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ۋىرۇسنى باشقىلارغا تارقىتىش پۇرسىتى ئازلايدىغانلىقىنى؛ يۇقۇملىنىش خەۋپى ئېغىر كىشىلەر بولسا بۇ خىل دورىلارنى ئىشلەتسە بۇنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى يېڭى بىر چارە ئىكەنلىكىنى؛ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئانا تەتۈر يۆتكىلىش ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلارنى ئىشلەتسە، ۋىرۇسنىڭ بوۋاققا ئۆتۈپ كېتىش پۇرسىتىنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

      تەتۈر يۆتكىلىش ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ئۇسۇلى ئەيدىزگە ئالاقىدار ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى يۇقۇملانغۇچىلار نىسبىتىنى ئازايتقان. 2004-يىلى ئەيدىز يۇقۇمى «يۇقىرى پەللە»گە چىققاندىن ھازىرغا قەدەر، ئەيدىز بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى پۈتۈن دۇنيادا %42 تۆۋەنلىگەن، يېڭى يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2000-يىلدىن بۇيان %35 تۆۋەنلىگەن. بولۇپمۇ تەتۈر يۆتكىلىش ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ئۇسۇلى ئافرىقىدا ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلگەن، 2000-يىلى پەقەت 11 مىڭ ئادەم بۇ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان بولسا، ھازىر بۇ سان 11 مىليونغا يەتكەن.

     بۇ يىلقى دۇنيا ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىردەك ھالدا يېڭى سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ماقۇللىغان، بۇنىڭ ئىچىدە 2030-يىلىغا بارغاندا ئەيدىز يۇقۇمىنى تەلتۆكۈس تۈگىتىش نىشانى بار. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەكىتلەپ، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 2020-يىلىغا بارغاندا يېڭى يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى ھازىرقىدىن %75 تۆۋەنلىتىش، شۇنداقلا تەتۈر يۆتكىلىش ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغانلار سانىنى بىر ھەسسە كۆپەيتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.  



خەتكۈچلەر:
01-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek