ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ شياڭگاڭ-ئاۋمىنغا بېرىپ كېلىشىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە سىناق قىلىپ تارقىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى چېگرادىن كىرىپ-چىقىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ شياڭگاڭ-ئاۋمېن ئېلېكترونلۇق يول خېتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىشىنى قارار قىلدى (2014-يىل نۇسخىسىدىكى شياڭگاڭ-ئاۋمېن يولى خېتى).
شياڭگاڭ-ئاۋمېن ئېلېكترونلۇق يول خېتىنى ئىشلىتىش باشلانغاندىن كېيىن، شياڭگاڭ-ئاۋمېنغا بېرىپ-كېلىش ۋىزىسىدا قەغەز چاپلاش ئۇسۇلى قوللىنىلماستىن، بىۋاسىتە كىنىشكىنىڭ كەينىگە بېسىلىدۇ (قايتا ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ). ئىچكى ئۆلكىلەر ۋە شياڭگاڭ-ئاۋمېن رايونلىرىنىڭ چېگرا ئېغىزىنى تەكشۈرۈش تارماقلىرى تەكشۈرگەندە تامغا باسماي، ۋىزىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسى ئارقىلىق خاتىرىلەپ باشقۇرىدۇ، كىنىشكىسى بارلار ئىچكى ئۆلكە ۋە شياڭگاڭ-ئاۋمېن رايونلىرىدىكى باشقۇرغۇچى تارماقلاردىن ۋىزىنىڭ ئىشلىتىش قالدۇق قېتىم سانى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرسە بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved