تەيۋەن گاۋشيۇڭدا 6-فېۋرال سەھەر سائەت ئۈچتىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە يەر تەۋرىدى، جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەر تەۋرەش دەرىجىسى 6.7 بال ( تەيۋەن ھاۋا رايى تارمىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، 6.4 بال ) ئىكەن. تەيۋەننىڭ ھەممە يېرىدە يەر تەۋرەش سېزىمى بولدى. تەينەندە نۇرغۇن ئىمارەت ئۆرۈلۈپ چۈشتى. نۇرغۇن ئادەم يارىلانغانلىقى تارقالدى.
مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 9 قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن بولۇپ، بۇنىڭ 8 قېتىمى تەينەندە يۈز بەرگەن، تەينەن شەھىرىدىكى نەچچە بىنا 6 - كۈنى سەھەردىكى يەر تەۋرەشتە قىيسىيىپ قالدى، ھەتتا ئۆرۈلۈپ چۈشتى، قىسمەن ئورۇنلاردا كىشىلەرنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقى مەلۇم قىلىندى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى بېرىپ ئادەملەرنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved