سىسى؛ «بىرلەشكەن ئەرەب كۈچى»پىلانىنى ئوتتۇرغا قويدى

 جاھان ئاگېنتلىقى 23-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىرنىڭ ھەربى ئىنقلاب رەھبىرى پرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ سىسى ، قۇراللىق گۇرۇپىلارنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدا يۈكسەلگەن خەتىرىگە قارشى بىرلەشكەن رايۇن خاراكتىرلىك ھەربى كۈچكە بولغان ئېھتىياجنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. سىسى دۆلەتلىك تېلىۋىزور قانىلىدا سۆز قىلىپ؛ باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ياكى بېسىپ كىرىشتەك قەدەملەرنىڭ مىسىر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مەقسىتى ئەمەسلىكىنى ، ئەمما زۆرۈر بولغاندا باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاق تەشكىللەپ مىسىرنى ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق رايۇنىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. سىسى« بىرلەشكەن ئەرەب كۈچى» گە بولغان ئېھتىياجنىڭ ھەرۋاقىت زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ دەرھال روياپقا چىقىشى كىرەكلىكىنى ئېيتتى.

سىسى بىر ھەپتە بۇرۇن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ 21 مىسىرلىق خىرىستىئاننى ئۆلتۈرۈشىدىن كېيىن ئىئوردانىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن مىسىرغا ھەربىي ياردەم بېرىش تەكلىپى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۆتكەن يىلى نويابىرر ئېيىدا، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە كۇۋەيىتنىڭ بىر ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ھازىرلىغانلىقىنى ئاشكارلىغان ئىدى.

مىسىر ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى درەنە رايۇنىدا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە تەۋە ئورۇنلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان ئىدى. ئەمما ھاۋا ھۇجۇمىدا كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنىڭمۇ ئۆلگەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى. سىسى ھۆكۈمىتى مىسىردا بولغىنىدەك لىۋىيەدىمۇ رادىكالىزىمغا قارشى كۈرەش قىلىش نامىدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا قارشى ھەرىكەتلەر ئ‍ېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

لىۋىيەدە ئىنقىلابتىن كېيىن سىياسى مۇقىملىق كاپالەتكە ئىگە بولمىغان بولۇپ ، 2014-يىلى ماي ئېيىدا پىنسىيەگە چىققان گېنىرال ھافتەرنىڭ قۇراللىق گۇرۇپىلىرى بىلەن باشلىغان ھەربى ئىنقلاب پىلانى ترابلۇس ۋە مىسراتادىكى ئىنقلابچى گۇرۇپىلار بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ترابلۇس ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئىدى. بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن بىر قىسىم خەلق ۋەكىللىرىنىڭ « ۋەكىللەر مەجلىسى» نامىدا توبرۇك رايۇنىدا ھەرىكەتكە كېلىشى بىلەن ئىككى مەجلىس پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان لىۋىيەدە مىللى قۇرۇلتاي قوللىغان «فەجرى لىۋىيە ئىتىپاقى» بىلەن ۋەكىللەر مەجلىسى قوللىغان ھافتەرگە تەۋە «غۇرۇر ھەرىكىتى ئىتىپاقى» ئارىسىدىكى تۇقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا.



23-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek