جۇڭگو تورى ، 27-ئۆكتەبىر خەۋىرى : رۇسىيە ‹‹ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ھەقىقەت گېزىتى ›› تورىنىڭ 26-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىراق ئارمىيەسى بىر ھەپتە بۇرۇن ئىراقنىڭ تىكرىت شەھىرى ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ ، ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› تەشكىلاتىنىڭ 300 دىن ئارتۇق قوراللىق ئۇنسۇرىنى يوقاتقان .
ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات باشقارمىسى : ‹‹ قىسمىمىز لېيتېنانت گېنېرال Abderivahaboy Ats Sadiنىڭ يېتەكچىلىكىدە بۇتاما كەنتى ۋە ھارجېت كەنتىنى ئازاد قىلىپ ، ‹ ئىسلام دۆلىتى › نىڭ 300 دىن ئارتۇق قوراللىق ئۇنسۇرىنى يوقاتتى ، 112 جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى تازىلىدى ، 18 ئاپتوموبىلبومبىنى بۇزدى ›› دېگەن .
خەۋەردە دېيىلىشىچە ، بۇ قېتىمقى زەربىدە ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› نىڭ نۇرغۇن دالا ئۇرۇش قوماندانى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن . ئىراق ئارمىيەسى ئۆزلىرىنىڭ يەنە داۋاملىق تۈردە ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتقان .
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى بىر تاراتقۇنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ، ‹‹ ‹ئىسلام دۆلىتى ›› قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارنى بېسىۋالغان ھەمدە دۇلۇلىيا شەھىرىنى ئىشغال قىلىشتا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەن ، دەپ گۇمان قىلىنغان ، بۇ شەھەر باغدادنىڭ شىمالىغا 70 كىلومېتىر كېلىدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved