گوۋۇيۈەننىڭ ماقۇللىقى بىلەن، مالىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ 25-نويابىر مەركەزنىڭ ئالىي مەكتەپ خامچوتىغا پۇل ئاجرىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى، دۆلەت ئالىي مەكتەپكە سالغان مەبلەغنىڭ ئادىل، ھەققانىيلىقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسەت ۋە ئۈنۈم يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.ئالىي مەكتەپ خامچوتىغا پۇل ئاجرىتىش تۈزۈمى ئالىي مائارىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنلىرىدىن بىرى.
ئېلىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان مەركەزنىڭ ئالىي مەكتەپ خامچوتىغا پۇل ئاجرىتىش سىستېمىسى ئاساسىي چىقىم ۋە تۈر چىقىمىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلار تەخمىنەن 6:4 نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي چىقىم ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نورمال ئېچىلىشى ۋە كۈندىلىك ۋەزىپىلەرنى تاماملىشىغا ئىشلىتىلىدۇ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بەلگىلىك پۇل ئاجرىتىدۇ، يەنە پېنسىيونېرلارنىڭ ياردەم پۇلى قاتارلىق سىياسەت خاراكتېرلىك راسخوتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈر چىقىمى ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدە خىزمەت، ۋەزىپىلىرى ياكى ئىشلارنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى تاماملاشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئوقۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئوقۇتۇش تەتقىقات، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش قاتارلىق 13 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved