ھەشەمەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك ھىندىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى
ھىندىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئەسلىدىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى دەۋرىدىكى باش ۋالىي مەھكىمىسى بولۇپ، 1947-يىلى ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن.
زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئىچىدە 340 خان ئوردىسى، 227 رەسىملىك تۈۋرۈك، 35 شىپاڭ، 37 فونتان، 3000 مېتىردىن ئۇزۇن كېلىدىغان كارېدور بار. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئۇزۇنلۇقى 400 مېتىر، كەڭلىكى 180 مېتىر كېلىدىغان موغۇل ئىمپېرىيەسى ئوردىسى شەكلىدىكى ھويلا بار. ھەر يىلى 1-ئايدا بۇ ھويلا سىرتقا ئېچىۋېتىلىدۇ.
ھىندىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 1929-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەسلى ئىسمى ۋىكتورىيە ئوردىسى ئىدى، ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ھەيۋەتلىك ئوردا شەكلىدىكى قۇرۇلۇش بولۇپ، زۇڭتۇڭنىڭ كۆرۈشۈش زالى، زىياپەت زالى، كۇتۇپخانا قاتارلىق ھەشەمەتلىك زاللىرى بار، يەنە ساناقسىز فونتان، كۆلچەك، شىپاڭ، كارېدورلار بار. ئېدىرنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى پارلامېنت بىناسى بىلەن شاھزادە باغچىسىدىكى ھىندىستان دەرۋازىسىمۇ ئوخشاشلا ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلاردۇر.
زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئىچىدە بىر ئىنتايىن داڭلىق باغچا بار، بۇ باغچا موغۇل خانىدانلىقى دەۋرىدىكى باغچىغا ئوخشىتىپ ياسالغان بولۇپ، ‹‹موغۇل باغچىسى›› دېگەن نامى بار. باغچا ئۆزىنىڭ ھالىتىگە قاراپ چاسا شەكىللىك باغچا، ئۇزۇن باغچا ۋە يۇمىلاق باغچا دەپ بۆلۈنگەن، باغچىدىكى تۈرلۈك-تۈمەن گۈل-گىياھلار، ئۆسۈملۈكلەر ھەر يىلى پورەكلەپ ئېچىلىدىغان مەزگىلدە نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.
زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئالدى ئىشىكىدىن چىققاندا، كۆز ئالدىمىزدا كەڭ ۋە تۈپتۈز كەتكەن ‹‹دۆلەت يولى›› نامايان بولىدۇ، بۇ يول بىلەن ھىندىستان دەرۋازىسىغا بارغىلى بولىدۇ. گەرچە چوڭ يول نەچچە ئون مېتىر كەڭلىكتە بولسىمۇ، ئەمما بۇ يولغا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تارقالغان. بۇنىڭدىن باشقا بۇ يولدا يەنە نەچچە ئون يەردە ھەشەمەتلىك خان ئوردىلىرى بار. بۇ يەرنىڭ ھەممە يېرى دېگۈدەك ياپيېشىل بولۇپ، كىشىگە ئۆزگىچە تۇيغۇلارنى بېغىشلايدۇ.
ھەشەمەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك ھىندىستان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved