يەر شارى خەۋەر تورى 25-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: نېگىرىيە ئارمىيىسى بوكو ھەرەم تېرور تەشكىلاتىغا قارشى بۇ ھەپتە ئاخىرىدا ھۇجۇم قوزغىغان بولۇپ، ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 30نەپەر تېرورچىنى ئېتىپ تاشلىدى. نېگىرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چرىس ئولۇكولاد ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 30 نەپەر بوكو ھەرەم تەشكىلاتى ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، 13 دانە مىلتىق، بىر ئاپتۇمات، بىر راكىتائاتار ۋە نۇرغۇن ھەربىي ئەشيانى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. يەنە بىر تەرەپتىن نېگىرىيەنىڭ شەرقى شىمالىدىكى ئاداماۋا ئۆلكىسىدە بوكو ھەرەم تېرور تەشكىلاتى ھۇجۇم قوزغاپ ئاز دىگەندە 10 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.
نېگرىيە ئارمىيىسى، نېگىر ۋە چادنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئاداماۋا، بورنو ۋە يوبى ئۆلكىلىرىدە بوكو ھەرەم تېرور تەشكىلاتىنىڭ كونتروللىقىدىكى زېمىنلارنى قايتۇرۋالغان ئىدى. ئارمىيە بىر قانچە ئاي ئىلگىرى مەزكۇر تېرور تەشكىلاتىنىڭ سامبىسا ئورمانلىقىدا ئەسىر قىلىپ تۇتۇپ تۇرىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنى قۇتقۇزغان ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، نېگىرىيەدە بوكو ھەرەم تېرور تەشكىلاتىنىڭ 2014-يىلىدىن بۇيانقى قۇراللىق ھۇجۇملىرىدا 7 مىڭ 300 كىشى ئۆلگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved