1. پۇت – قوللار ئۇيۇشۇش، سانجىپ ئاغرىش، باش قېيىش، روھىي ھالىتى قالايمىقانلىشىش، تىلى كالۋالىشىش ۋە سۆزى قالايمىقانلىشىش.
بولۇپمۇ يۈز قىسمىدا ياكى بەدەننىڭ بىر يان تەرىپىدە يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بۇ ئېھتىمال شامالدارىش (سەكتە) نىڭ ئالامىتى بولۇشى ھەم چوڭ مېڭىنى قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدىغان ئارتېرىيە قان تومۇرى توسۇلغان ياكى يېرىلغانلىقنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر چوڭ مېڭە ئارتېرىيە قان تومۇرىدىن مەسىلە چىقسا، چوڭ مېڭىنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قىسمى تەسىرگە ئۇچراپ يېرىم بەدەن پالەچلىنىدۇ، سۆزلەشتىنمۇ قالىدۇ. ئەگەر كىچىك قان تومۇرلاردىن مەسىلە چىقسا پۇت – قول ئۇيۇشۇش سېزىمى پەيدا بولىدۇ. يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، قان نوكچىسى پەيدا بولۇپ ئۈچ سائەت ئىچىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
2.مەيدىسى ئاغرىش ياكى ئارامسىزلىنىش، بىلەك، ئاستى – ئۈستى تاڭلاي، بويۇنلار ئاغرىش، تۇيۇقسىز سوغۇق تەرلەش، قاتتىق ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئاينىش، ياندۇرۇش، باش قېيىش ۋە نەپەس يېتىشمەسلىك.
ئادەتتە يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەزى ئاغرىقلاردا يەنە ئاغرىقسىز يۈرەك كېسىلىمۇ كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى تۇيۇقسىز باش قايىدۇ، يۈرەك سوقۇشى جىددىيلىشىدۇ، كۆڭۈل ئاينىيدۇ، ياندۇرىدۇ ۋە سوغۇق تەرلەيدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
3. پاقالچاق سىرقىراپ ئاغرىش، مەيدە ئاغرىش، نەپەس قىسىلىش ۋە قان تۈكۈرۈش.
بۇ پۇت قىسمىدا قان نۆكچىسى پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتكەن ۋە ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۇزاق ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلاردىمۇ ناھايىتى ئاسانلا مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يېتىش ياكى ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە، بىر قىسىم قانلار پۇتتا تىنىپ قېلىپ قان نوكچىسى پەيدا بولۇپ، پاقالچاق ئىششىيدۇ، بۇ چاغدا ئەگەر تۇيۇقسىز مەيدە ئاغرىش ياكى نەپەس يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بۇ قان نۆكچىلىرىنىڭ پۇت قىسمىدىن ئايرىلىپ قان ئارقىلىق ئۆپكىگە بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
4. ئاغرىقسىز قان سىيىش.
قان سىيىشنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەبلىرى بۆرەككە تاش چۈشۈش، دوۋساق ياكى مەزى بېزى يۇقۇملىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. ئېغىرراقلىرى ئېھتىمال بۆرەك، سۈيدۈك نەيچىسى، دوۋساق ۋە مەزى بېزى قاتارلىق ئورۇنلاردا راكقا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. كېسەل ئەمدىلا باشلانغاندا، يەنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان چاغدا كىشىلەردە ئاغرىق سېزىمى بولمايدۇ. شۇڭا قان سىيىش كۆرۈلگەن ھامان دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
5. زىققا كېسىلى ساقايماسلىق ئېغىرلاپمۇ كەتمەسلىك.
زىققا كېسىلى قوزغالغاندا دائىم دېگۈدەك ھاسىراش ياكى نەپەس قىيىنلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ ياكى ياخشىلىنىپمۇ كەتمىسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. ئەگەر زىققا كېسىلى قوزغالغاندا داۋالاتمىسا، كۆكرەك مۇسكۇلى ئېغىر دەرىجىدە چارچىشى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.
6.ئەسەبىيلىشىش ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولۇش.
بەزى ئادەملەر ئەسەبىيلەشكەندە، باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى نېرۋىسىدا مەسىلە بار دەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ياردەم سورىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، چوڭ مېڭىدىكى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغانلىقىدىن بولىدۇ. ئەسەبىيلىشىش ھەسرەت چېكىش، چارچاش، ھەممىگە ئېتىبارسىز سوغۇق قاراش، تەشۋىشلىنىش، ئۇخلاش ئادىتى ئۆزگىرىپ كېتىش ۋە ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved