كەلگۈسىدىكى ئەيدىز داۋالاش ئۇسۇلى: 1~2 ئايدا بىر قېتىم ئوكۇل ئۇرسىلا بولىدۇ

        12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋەردىن قارىغاندا، كەلگۈسىدە ھازىرقى ئەيدىز كېسىلىنى كۈندە دورا يېيىش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئوخشاش ئۈنۈمدىكى بىر قېتىملىق ئوكۇل ئۇسۇلى قوللىنىدىكەن. ھەمدە بۇ يېڭى داۋلاش ئۇسۇلى ئەڭ تېز بولغاندا بەش يىل ئىچىدە ئىشلىتىلىشكە باشلايدىكەن.

     GSKشىركىتى ۋە Johnson & Johnson شىركىتىنىڭ ئەڭ يېقى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ھەر تۆت ھەپتىدە ياكى سەككىز ھەپتىدە ئىككى خىل ئەيدىزگە قارشى دورىنى ئوكۇل قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش ئىكەن.

        مۆلچەرلىنىشىچە ئامېرىكىدا تەخمىنەن 1 مىليون 200 مىڭ ئادەمدە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بار ئىكەن، بۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. باشقا ۋىرۇسلار بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، كىشىلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن باشقا ۋىرۇسلاردىن قۇتىلالايدۇ، لېكىن كىشى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانسا مەڭگۈ ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرىدۇ.

        ھازىر بەزى دورىلار قاندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارىنى ئازايتالايدۇ. لېكىن ھەركۈنى دورا ئىستىمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش مۈشكۈل ئىش. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى چوقۇم ھەركۈنى دورا يېيىشى كېرەك، بۇ ناھايىتى تەستە ئىزچىل داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ئىش. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا دورا ئوكۇل قىلىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى كۆرۈنەرلىك، پەقەت تۆت ھەپتە ياكى سەككىز ھەپتىدە بىر ئوكۇل قىلسىلا بولىدۇ.

بۇ خىل يېڭى داۋالاش ئۇسۇلى ئىككى خىل دورىىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىر خىلى cabotegravir دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە بىرى rilpivirine دەپ ئاتىلىدۇ. cabotegravir بولسا ئەيدىز كېسىلىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىش كارخانىسى ViiVنىڭ مەھسۇلاتى، بۇ دورا تابلېت ياكى ئوكۇل شەكلىدە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىيالايدۇ ياكى كونترول قىلالايدۇ.

        ھازىر تەتقىقاتچىلار قانغا بۇ دورىنى ئوكۇل قىلىشنى ئۈنۈمىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ئېلان قىلىنغىنى پەقەت ئىكى يىلغا سوزۇلغان كىلىنكا سىناقنىڭ بىر قىسمى. ھازىرغىچە، ھەر تۆت ھەپتىدە ياكى سەككىز ھەپتىدە بىر قېتىم ئوكۇل قىلغان بىمارلاردا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش نىسبىتى ئەنئەنىۋى دورىلارنى ئىشلەتكەن ۋاقىت بىلەن ئوخشاش بولغان. لېكىن ئوكۇل قىلىنغان بىمارلاردىمۇ نۇرغۇن ئەكىس تەسىرلەر كۆرۈلگەن، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى ئوكۇل قىلىنغان جاينىڭ ئاغرىشى.

        گەرچە بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىدىن ناھايىتى كۆپ ئۈمىد بولسىمۇ لېكىن بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ھەقىقىي قوللىنىلىشىغا يەنە خېلى ۋاقىت بار. تەتقىقاتچىلارنىڭ دىيىشىچە بۇ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ 2020-يىلى بازارغا چىقىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. لېكىن بۇخىل داۋالاش ئۇسۇلىدا بەزى توسالغۇلار بار، مەسلەن بۇخىل دورىلارنى سوغۇق ساقلاش كېرەك، بۇ ئىسسىق بەلۋاغ رايونىدا ياشايدىغان ھەمدە توڭلاتقۇسى يوق كىشىلەر ئۈچۈن چوڭ بىر مەسىلە.



خەتكۈچلەر:
17-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek