جۇڭگونىڭ توققۇز بانكىسى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ كۆپ سوممۇلۇق ئامانەت پۇل تالونى تارقاتتى، ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇشتا يەنە بىر قەدەم تاشلاندى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ توققۇز بانكىسى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆپ سوممۇلۇق ئامانەت پۇل تالونىنى تارقاتتى. لېكىن شىركەت مۇئامىلىدارلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ كۆپ سوممىلىق ئامانەت پۇل تالونىنىڭ شەخسىي مۇئامىلىدارلار ئۈچۈن ئانچە كۈچلۈك جەلبكارلىقى بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ساھە ئىچىدىكى زاتلار بىردەك مۇنداق قارىدى: كۆپ سوممۇلۇق ئامانەت پۇل تالونىنىڭ تارقىتىلىشىدا، ئۆسۈم نىسىبىغىلا قارىتىلغان بولماستىن، تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيىتى شۇكى، بانكىلارنىڭ ئامانەت پۇلىغا مۇستەقىل باھا بېكىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتىرىدۇ، شۇڭا ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە مۇھىم قەدەم بېسىلدى، دېيىشكە بولىدۇ.
كۆپ سوممىلىق ئامانەت پۇل تالونى دېگىنىمىز بانكىچىلىق ساھەسىدىكى ئامانەت پۇلى تۈرىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ غەيرىي پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن بولغان مەبلەغ سالغۇچىلارغا تارقىتىدىغان، خەلق پۇلى بىلەن باھا ھېسابلىنىدىغان سچوتلۇق كۆپ سوممۇلۇق ئامانەت پۇلى دوكۇمېنتىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بانكىلارنىڭ ئامانەت پۇل تۈرىدىكى پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتى بولۇپ، ئادەتتىكى پۇل ئامانىتىدىن ئىبارەت. ئاممىبابراق قىلىپ دېگەندە، كۆچمە خاراكتېرلىك قەرەللىك ئامانەت پۇلنى كۆرسىتىدۇ. ئىگىلىنىشچە، كۆپ سوممۇلۇق ئامانەت پۇل تالونىنى شەخسىي مۇئامىلىدار سېتىۋالىدىغان باشلانما نۇقتىسى 300 مىڭ يۈەن، ئاپپارات مەبلەغ سالغۇچىلىرى سېتىۋالىدىغان باشلانما نۇقتىسى 10 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆسۈم نىسبىتى مەركىزىي بانكىنىڭ تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىدىن يۇقىرى ئۆرلىتىش سالمىقى %30 تىن %40 كىچە بولىدىكەن.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved