تاماكىنى قانچە كۆپ چەكسە زىيىنى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئامېرىكا ‹‹مىدېتسىنا گېزىتى››نىڭ 19-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا، ھەر كۈنى تۇنجى تاماكىنى چەككەن ۋاقىتنىڭ تاماكا چىكىشنىڭ ئېغىر يېنىك بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بايقالغان. مەيلى كونا بەڭگىلەر بولسۇن ياكى ئاندا ساندا تاماكا چېكىدىغانلار بولسۇن ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن دەرھال تاماكا چەكسە ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خېيىم-خەتىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
يېڭى تەتقىقاتتا پېنسىلۋانىيە ئىشىتاتى ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۆپكە راكى كېسەللىكىنىڭ سەۋەب ئىلمىدىكى مۇھىت بىلەن ئىرسىيەت تەتقىقات تۈرىدىكى ئالاقىدار سانلىق مالۇماتلارنى ئانالىز قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. تەتقىقاتچىلار 3249 نەپەر ئىتالىيەلىك بەڭگە بىلەن 1437 نەپەر كونتۇرول گوروپپىسىدىكى سىناققا قاتناشقۇچىلارنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلغان. تاماكا چەككەنلەرنىڭ ئىچىدە 1812 نەپەر كىشى ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگنوز قۇيۇلغان.سىناققا قاتناشقۇچىلار تاماكا چىكىش ئادىتى ۋە تاماكا چېكىش تارىخىي قاتارلىق ئەھۋاللارنى سوئال جاۋاپلىق تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان.سىز ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەندە تۇنجى تاماكىنى چېكىسىز؟ دىگەن سوئال ئارقىلىق سىناققا قاتناشقانلارنىڭ ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن تۇنجى تاماكىنى چەككەن ۋاقتىنى خاتىرلىگەن. سېلىشتۇرما تەتقىقات نەتىجىسىدە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن تۇنجى تاماكىنى چەككەن ۋاقتى قىسقا بولغان سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خېيىم -خەتىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك چوڭ بولىدىغانلىقى بايقالغان.
قىزىقارلىق يېرى شۇكى، تاماكا خۇمارى قاتتىق بولمىغان بەڭگىلەرنىڭ ئىچىدە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن تۇنجى تاماكىنى چەككەن ۋاقتىنىڭ قىممىتى بىلەن ئۆپكە راكى ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشى كونا بەڭگىلەرنىڭكىدىن تېخىمۇ روشەن بولىدىكەن. ېېڭى تەتقىقاتنىڭ مەسئۇلى مايكىل • B سىتانبوگ دوكتورنىڭ ئېيتىشىچە، ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن تۇنجى تاماكىنى چەككەن ۋاقتىنىڭ قىممىتىنى باھالاشنىڭ ئۆپكە راكى خېيىم خەتىرىنى ياخشىلاشقا ياردىمى تىگىپ، ئۆپكە راكىنى تەكشۈرۈش بىلەن تاماكا تاشلاش تۈرىگە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيىتى بارئىكەن. ئۇ ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا كەيپىياتنى كۆتەرمەكچى بولغاندا، ئاۋۋال يۈز يۇيۇش ياكى بىر ئىستاكان چاي ئىچىۋېلىشتەك ساغلام بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك دەپ تەكلىپ بەردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved