ئېبۇلا غەربىي ئافرىقىنىڭ ئىقتسىادىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 9-يانۋار ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئېبۇلا يۇقۇمى ئېغىر يۈز بەرگەن گۋېنىيە، لىبىرىيە ۋە سېرالىئوندا بايقالغان ئېبۇلا ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ياكى گۇمانلىنىلغان بىمار 20 مىڭ 972 بولۇپ، 8259 كىشى قازا قىلغان.


كاكائو تېرىش باغچىسى بار گانانىڭ شەرقى ئۆلكىسى كىۋاب شەھىرى ئابوموسو بازىرىنىڭ باشلىقى ۋېرسۇن مۇخبىرغا: ئېبۇلا يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، كاكائونىڭ باھاسى بۇ يىل مۇقىمسىز بولدى. ھازىر ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل، بازىرىمىزدىكى نۇرغۇن كاكائو يىغىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا، ئەمما خوشنا دۆلەتلەردىن كېلىدىغان ئىشچىلار زور دەرىجىدە ئازايدى، دېدى. ئېبۇلا يۇقۇمىنىڭ داۋاملىق يامىرىشى غەربىي ئافرىقا ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توسالغۇ بولىۋاتقان ئېغىر يۈككە ئايلانماقتا.


گانا كاكائو كومىتېتىنىڭ ئاممىۋى ئىشلار باش مەسئۇلى ئامىنيا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كاكائو غەربىي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق ئېكىسپورت تاۋىرى، ئېبۇلا يۇقۇمىنىڭ سىجىل يامىرىشى كاكائو تېرىيدىغان رايونلارنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۋەتتى. ئافرىقا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ غەربىي ئافرىقا باش ئىقتىسادشۇناسى سېيدمۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كاكائو ئېبۇلا تەسىر قىلغان غەربى ئافرىقىنىڭ چوڭ تاۋارلار ئېكىسپورتىنىڭ بىر كارتىنىسى، قەھۋە، پاختا، كاۋچۇك، پالما مېيى قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىنىڭ ھەممىسى تەسىرگە ئۇچرىدى. خەلقئارا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندىنىڭ دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېغىر يۇقۇملانغان رايونلاردا، %40 تىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىكىدىن ۋاز كېچىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، كانچىلىقنىڭ ئۇچرىغان تەسىرىمۇ يېزا ئىگىلىكىدىن ئاز ئەمەس.


سېرالىئون يۇقۇملۇق كېسەلنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىمى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئېبۇلا يۇقۇمى سېرالىئون ئىقتىسادىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى، سودا دۇنكانلىرى تاقالدى، مېھمانخانىلار بوش قالدى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئېتىزلىقلار تاشلىۋېتىلدى، مەبلەغ سېلىشمۇ توختاپ قالدى.


گۋېنىيەنىڭ ئىقتىساد ۋە مالىيە مىنىستىرى دىيارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېبۇلانىڭ تەسىرىدە دۆلىتىمىزنىڭ گۇرۇچ مەھسۇلات مىقدارى %40 ئازىيىپ كەتتى، دانلىق زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. سېنگالغا ئېكىسپورت قىلىدىغان چېگرا تاقالدى، پورت ئېغىزلىرىدا بىرمۇ پاراخوت قالمىدى.

 

سېرالىئوننىڭ مالىيە ۋە ئىقتىساد تەرەققىيات مىنىستىرى مالا مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر، سېرالىئون 28 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات ئىئانە قىلغان 712 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە ياردەمگە ئېرىشتى، ئەمما نۆۋەتچى ئايروپىلانلار زور دەرىجىدە ئازايتىلغانلىقتىن، %5 ياردەملا دۆلىتىمىزگە يەتكۈزۈلدى. مالا بۇ مەسىلىنى دەرھال ھەل قىلىپ، ياردەمنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى مۇراجئەت قىلدى.


جەنۇبىي ئافرىقا ئالتۇن تاغ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئالىمى كۇئاكۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يۇقۇم ئەمەلىي ئىقتىسادنى بىۋاستە زىيانغا ئۇچراتتى، غەربىي ئافرىقىنىڭ دۆلەت بېجى ئازىيىپ كەتتى، داۋالاش ھەققى شىددەت بىلەن كۆپەيدى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى چىقىمى مۈشكۈل ئەھۋالدا قالدى. ئەندىشىسىزلىكتىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي ۋاستىلىك زىيان تېخىمۇ ئېغىر. دىيارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېبۇلا يۇقۇمى ئۆتكەن ئۈچ يىلدا گۋېنىيە ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنى ئاجىزلاشتۇردى، ھۆكۈمەت ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشتىكە مەجبۇر بولدى، پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى %8 دىن %9.5 كىچە يەتتى.


كۇئاكۇ مۇنداق دېدى: ئېبۇلا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت دىققىتىنى ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇرۇشقا قارىتىدۇ، بولمىسا ئېبۇلاغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاساسى قالمايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجىمائىي كېڭىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كېيىنكى ئېبۇلا مەزگىلىنىڭ» خىزمەتلىرىنى پىلانلاشنى باشلاش، تەسىرگە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىدىن چەتنەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 



خەتكۈچلەر:
12-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
     ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پائۇل رۇئان 5–چېسلا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 2016–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا تېخى تەييارلىقى پۈتمەپتۇ. ...
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek