شى جىنپىڭ ئۇفادا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئىيۇل رۇسىيەنىڭ ئۇفادا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى
شىنخۇا تورى، رۇسىيە ئۇفا، 8-ئىيۇل تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئىيۇل رۇسىيەنىڭ ئۇفادا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل 5-ئايدا، بىز جۇڭگونىڭ شىئەندە جۇڭگو-ھىندىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ يېقىن تەرەققىيات شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگو-ھىندىستاندىن ئىبارەت ئىككى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئاكتىپ سىگنالنى تارقاتقانىدۇق. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بىز ھاسىل قىلغان تۈرلۈك ئورتاق تونۇشلار ئەمەلىيلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرى، تۆمۈر يول، سانائەت باغچا رايونى، ئەقىل شەھىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-ھىندىستان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ قەتئىي قوللىغۇچىلىرى ۋە ئاكتىپ قۇرۇلۇشچىلىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ تېخىمۇ يېقىن، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ پۇختا شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
09-07-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek