جاھان ئاگېنتلىقى 27-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جاسون رىزايان بىر يىل ئىلگىرى ئىراندا جاسۇسلۇق قىلغان دىگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان بولۇپ بۈگۈن سوتقا تارتىلدى. ئىران مېدىياسىدا ئاشكارىلانغان خەۋەرگە قارىغاندا، تېھران ئىنقىلاب سوت مەھكىمىسى 15-تارمىقىدا قاراپ چىقىلغان تۇنجى سوتتا جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىتىرازىغا قارىماستىن يېپىق سوت ئېچىلدى. مىھر خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ سوتقا ئالاقىدار ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، رىزاياننىڭ داۋاسىغا بەلگىلەنگەن سوتچى ئەبۇلقاسىم سالاۋاتى گۇماندارغا قارىتىلغان جىنايەتلەرنى، «تۈرگە ئايرىلغان مەخپى ماتىرياللارنى توپلاپ جاسۇسلۇق قىلىش، بۇ ماتىرياللارنى دۈشمەن دۆلەتلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەمىنلەش ۋە ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيتى ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش» دەپ بېكىتتى.
سوتتا رىزاياننىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا يازغان بىر مەكتۇبى ئوقۇلغان، رىزايان مەكتۇبتا، « ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىك بىر مۇخبىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئىراندا ئادەتتىكى ئىشچىدىن يۇقىرى دەرىجىدىىكى كىشىلەرگە قەدەر ئالاقىسى بارلىقىنى» يازغان.
سوتچى مەھكىمىگە سۇنۇلغان دەلىللەرنى ئوتتۇرغا قويغاندا رىزايان بۇ دەلىللەرنى ئىنكار قىلغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، رىزاياننىڭ ئادۋۇكاتى لەيلا ئاھسىن سوتچىنىڭ سۇنغان دەلىللىرىدە ئۆزگەرتىش بولغانلىقى ئۈچۈن ئاقلاشنى كېچىكتۈرگەن.
ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ تېھراندىكى مۇخبىرى جاسون رىزايان ئامېرىكا پۇقراسى، ئىراندا تۇغۇلغان بولۇپ، 2014-يىلى 22-ئىيۇلدا ئايالى يىگانە سالىھى ۋە بىر دوستى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئىدى. كېيىن ئايالى ۋە دوستى قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما رىزايان جاسۇسلۇق قىلغان دىگەن جىنايەت بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما مارت ئېيىدا تېھران ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ مۇخبىرلارنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved