جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
سەئۇدى ئەرەبىستانى تاراتقۇلىرىنىڭ 29-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە: ئۆتكەن 10 ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرغۇچى تارماقلىرى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بولغان 1740دىن كۆپرەك ئەسەبىي ئۇنسۇرنى قولغا چۈشۈرگەن.
ئەرەب خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى ساقچى تەرەپنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: قولغا چۈشكەن 20 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن بۇ كىشىلەر ئىچىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، قالغانلىرى يەمەن ۋە سۈرىيەلىكلەر ئىكەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىراق ۋە سام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى قوزغىغان بىر قاتار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، بۇنىڭ ئىچىدە مەسچىتكە قارىتىلغان ئۈچ قېتىملىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىشدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساقچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 40 دىن كۆپرەك كىشى قازا قىلغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved