نېمىشقا جۇڭگودىكى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول كۆپىنچە كۆۋرۈك ئۈستىگە ياسىلىدۇ؟
لەگلەك تورى خەۋىرى: سىز ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغا بارىدىغان تېز سۈرئەتلىك پويىزىغا ئولتۇرۇپ باققان بولىشىڭىز مومكىن. كۆپىنچە كىشىلەر « نېمىشقا جۇڭگودىكى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول كۆپىنچە كۆۋرۈك ئۈستىگە ياسىلىدۇ؟ بۇنداق بولغاندا قۇرۇلۇش تەننەرخىنى بەك كۆپ ئاشۇرۋەتمەمدۇ؟ »دەپ سورىشى مۇمكىن.
ھەقىقەت: جۇڭگو تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ كۆۋرۈك ئۈستىگە ياسىلىشىدا، تېخنىكا،ئىقتىساد قاتارلىق ئامىللار بار. ئەمما يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا يەنىلا تېخنىكا ئۆلچەم مەسىلىسى. بۇنىڭدىكى مەقسەت بولسا تېز سۈرئەتلىك پويىزنىڭ سىلىق ھەم تېز سۈرئەت يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن . بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنى تۆۋەندىكى تۆت نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
بىرىنچى، رېلىسنىڭ تۈز ھەم تەكشى بولۇش ئۈچۈن.تۈز دېگىنىمىز،ئىمكان بار تۈز سىزىقلىق ياكى چوڭ رادىئۇسلۇق يەككە ئەگرى سىزىقلىق رېلىس ئىشلىتىش. ھەم كۆپ ھەم جىددىي ئەگرى يول بولۇشقا بولمايدۇ.مەسىلەن سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىر بولغان تېز سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ئەگرى سىزىقلىق رېلىسنىڭ رادىئۇسى 7000 مېتىردىن ئاز بولسا بولمايدۇ.تەكشى دېگىنىمىز، ھەم كۆپ ھەم چوڭ بىر كۆتۈرۈلۈپ بىر تۆۋەنلەيدىغان رېلىس بولسا بولمايدۇ. بۇ ئاساسلىق يانتۇلۇق مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتقان.
ئىككىنىچى، تىز سۈرئەتلىك يولنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن. دۆلىتىمىزنىڭ تۆمۈر يولىنىڭ ياسىلىشىنىڭ تېز بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب بولسا رېلىسنىڭ كۆپىنچىسى كۆۋرۈك ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.ئادەتتە يول ئۇلى ئالاھىدە تولدۇرۇلما ماتېرىيال (سېغىز توپا،شېغىل)نى تىندۇرۇشتىن ياسىلىدۇ. بۇ تولدۇرۇلما ماتېرىياللارنى تىندۇرغاندا بوش بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن چىڭداش ماشىنا سايمانلىرى بىلەن چىڭداش كېرەك. توپا يولغا ياسىغان يول ئۇلى چىڭداش ماشىنا سايمانلىرى بىلەن چىڭىدىغان تەقدىردىمۇ ئولتۇرشۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. كۆۋرۈككە ياسىغان ئۇل ئولتۇرۇشۇپ كەتمەيدۇ.
ئۈچىنچى، يەرنى تىجەيدۇ .سانلىق مەلۇماتنى دېسەملا چۈشۈنىسىلەر. بېيجىڭ-شاڭخەي تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدىكى كۆۋرۈكنىڭ نىسبىتى 80% يىتىدۇ. ئادەتتىكى يولغا قارىغاندا 30 مىڭ مو يەرنى ئاز ئىشلەتكەن.گەرچە كۆۋرۈك ياساشنىڭ تەننەرخى كۆپ بولسىمۇ، چېقىش-كۆچۈرۈشنىڭ تەننەرخىنىڭ تىجىلىشىنى كۆزدە تۇتقاندا، كۆپ چىققان سان چەكلىك بولىدۇ.
تۆتىنچى، باشقا سەۋەبلەر. مەسىلەن يول ئاسرىماق تەننەرخ ئازايتىش،رېلىسنىڭ بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،پىيادىلەرنىڭ يولدىن ئۆتۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، باشقۇرۇش خەۋپ-خەتەرىنى ئازايتىش دىگەندەك.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.
...
|
 |
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
|
 |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
|
 |
ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
|
 |
تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
|
 |
تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
|
 |
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
|
 |
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
|
 |
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
|
 |
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى
5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
|