ئېبولا يۇقىمىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 18-سېنتەبىر ئافرىقىدىكى بىر قانچە دۆلەتتە يامرىغان ئېبولا يۇقۇمىدا 2600دىن كۆپرەك ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى جىددىي يىغىن ئېچىپ ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئالاقىدار قارارلارنى ماقۇللىدى.

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچسىى دۇگارىك دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئېبولا يۇقىمىدا ھازىرغىچە 2622 ئادەم قازا قىلدى، بۇندىن باشقا يەنە 5335 ئادەم يۇقۇملاندى. ھازىرقى ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر، دېدى.خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئېبولا يۇقۇمى توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئېچىپ 2177-نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇم يامرىغان دۆلەتلەرگە جىددىي ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

 

قاراردا ئېبولا يۇقۇمىنىڭ خەلقئارا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت بولىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەمدە لىبىرىيە، سېرالىئون ۋە گىۋېنىيەنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىشى توغرىسىدا بىر قانچە تەدبىر ۋە تەكلىپ بېرىلدى. ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقارقى ئۈچ دۆلەتتىن.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ قېتىمقى جىددىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىلگىرى ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىش مەسىلىسى توغرىسىدا پەقەت ئىككى قېتىملا رەسمىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان، ئۇ ئىككى قېتىمقى يىغىندا مۇھاكىمە قىلىنغان قارالما ئەيدىز ئىدى، بۇنىڭدىن ئېبولا يۇقۇمى ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، دېدى.

 

بانكىمون مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېبولا يۇقۇمىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يامرىشى ھەممە ئادەمگە تەسىر كۆرسەتتى، يۇقۇم يامرىغان رايوندا ھەر ئۈچ ھەپتىدە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىۋاتىدۇ. يۇقۇم لىبىرىيە، سېرالىئون ۋە گىۋېنىيەنىڭ داۋالاش سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ.

 

بانكىمون يىغىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېبولا يۇقۇمىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئالاھىدە ئۆمىكى تەشكىللەشنى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە غەربىي ئافرىقا ئەللىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش قاتارلىق 5 چوڭ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى جاكارلىدى. بانكىمون يىغىندا يەنە جۇڭگو، كۇبا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى.

 

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بىجۈرگۈچىسى چىنفىڭ فۇجىنمۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ ئەسكەرتىپ، يۇقۇم يامرىغان رايون تەھدىتكە ئۇچراپلا قالماي، ئاشلىق كەمچىل بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقىلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، دېدى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېزدىن تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ يەنە يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېبولا يۇقۇمىغا سىستېمىلىق تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى ئالىي ماسلاشتۇرغۇچىسى نابارو، لىبىرىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنستىرى قاتارلىق يۇقۇم يامرىغان رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.



20-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
18-05-2016
رۇسىيە lenta.ru تور بېكىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە 30 ياشتىن تۆۋەن ياشلارغا بىر پارچىدىن ساياھەت كارتىسى تارقاتقان، مەزكۇر كارتا ئارقىلىق يېرىم باھالىق ساياھەت ئېتىبارىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. بۇ پائالىيەت رۇسىيە ي...
18-05-2016
بىر پارچە ئەلرايىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، %80 كە يېقىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئەنگلىيەلىك ئەنگلىيەدىن ئايرىلىپ رۇسىيەگە بېرىپ تۇرۇشنى خالايدىكەن، چۈنكى بۇنداق قىلسا پۇتىن ئۇلارغا زېمىن سوۋغا قىلىدىكەن. يېقىندا، ئەنگلىي...
17-05-2016
تۈركىيەدە چىقىدىغان تۈركىيە خەۋەرلىرى تور بېكىتىنىڭ 16-ماي خەۋەر قىلىشىچە: تۈركىيە ئاخبارات تارماقلىرى ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، بىر قىسىم ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق شەھىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىش ...
17-05-2016
ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ بۈگۈن سەھەردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە مىيۇنخىندىن ھىندىستاننىڭ بومبايغا قاراپ ئۇچقان A330 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى بومباي ئايرودرومىغا قونىۋاتقاندا بىر قورقۇنۇشلۇق ئىش يۈز بەرگەن، يەنى ئ...
17-05-2016
بېيجىڭ ياشلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، يوكىيو خىرو بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق يېڭى باش ئەلچىسى بولغان ھەمدە 16- ماي ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچق...
17-05-2016
ئەنگىلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى (يەنە 15-چېسلا كۈنى)، ئامېرىكا ئاتلانتا خەلىقئارا ئايرودرومىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورنى ئالاھىدە يولۇچىنى كۈتۈۋالغان، يەنە قارىما...
17-05-2016
     16-ماي، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ئافغانىستاننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇللا بىلەن سۆھبەتلەشتى.     16-ماي، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچي...
17-05-2016
شياڭگاڭ شەرق كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە ئاخبارات ئورگىنى «ھۆكۈمەت ئاخبارات مىنىستىرلىكى» 16- ماي ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتىردا ھېسابات ئېچىپ ئاكتىپلىق بىلەن ئاممىغا يېقىنلاشقانلىقىنى جاكارل...
17-05-2016
سۈرەتتە: بىر كىچىك قىز تاشلاندۇق بېلىقچىلىق كېمىسى ئۈستىدە ئولتۇرماقتا. شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 13-ماي، كامبودژانىڭ كاندال ئۆلكىسى، ئېل نىنو ھادىسىسىنىڭ تەسىرىدە شۇ جايدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن. سۈرەتتە: بى...
17-05-2016
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوف 16-ماي مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتە 8 دۆلەت گۇرۇھىغا قىزىقىشى ئاجىزلىدى، بىراق 20 دۆلەت گۇرۇھى قېلىپىدا ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. پىسكوف شۇ كۈنى غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىغا قويغان رۇسىي...
Powered by Leglek