يەمەن ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا جايلاشقان ئەدەن ئۆلكىسىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ بىر تەكشۈرۈش پونكىتى 29- يانۋار ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 7 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. رادىكلا تەشكىلات « شام ئىسلام دۆلىتى » بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئۆزلىرىنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر يەرلىك ساقچى ئەمەلدارىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلغۇچى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتىدا پارتلاتقۇچ دورا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى پارتلىتىپ، 7 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەدەن ئۆلكىسىدىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى بىر دوختۇرخانىدىكى داۋالاش خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقەدە 7 ئادەم قازا قىلغاندىن باشقا يەنە بىر قانچە ئادەم ئېغىر يارىلانغان.
رادىكال تەشكىلات « شام ئىسلام دۆلىتى »نىڭ يەمەندىكى تارمىقى تور ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا بىر پارچە بايانات ئېلان قىلىپ: بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە تەخمىنە 15 نەپەر ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئەسكىرى ئۆلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئايال ھەربىي ئەمەلدارلارمۇ بار، دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved