شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى 2013-يىللىق مېدىتسىنا ساھەسىدىكى 10 چوڭ بۆسۈش بولۇپ باھالاندى

<<دەۋىر>> ژورنىلى يېقىندا 2013-يىللىق <>نى ئېلان قىلغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئورىگون ئىشتاتى دۆلەتلىك پىرىماتلار (مايمۇن تۈرىدىكىلەر) تەتىقات مەركىزى غول ھۆجەيىرە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋە تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىسى 2013-يىللىق <<مېدىتسىنا ساھەسىدىكى 10 چوڭ بۆسۈش>> بولۇپ باھالانغان. شۇنداقلا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندى تۇنجى بولۇپ ئىنسان تېرە ھۆجەيىرىسىنى <<تەن ھۆجەيىرە يادروسىنى كۆچۈرۈش تېخنىكىسى>> ئارقىلىق تۆرەلمە غول ھۆجەيىرىگە ئايلاندۇرغانلىقى ئۇنى بۇ شەرەپكە ئېرىشتۈرگەن.بۇ بايقاش ئىنسانلاردىكى پاركىنسون كېسەللىكى (Parkinson’s disease) ،كۆپ قوزغىلىدىغان قېتىشىش كېسەللىكى، يۈرەك كېسىلى ۋە يۇلۇن زەخمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئۈمىد تۇغۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

«دەۋىر» ژورنىلى 2013-يىلى «مىدىتسىنادىكى 10 چوڭ بۆسۈش» نىڭ ئىچىدىكى 4-سى:
17-يىل ۋە بىر كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان ئىلىم-پەندىكى زور ئالدامچىلىقنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئالىملار ئاخىرى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى «دولىي» ئىسىملىك كلون قوينى يىتىشتۈرگەندە مۇۋاپىققىيەت قازانغان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنى مانا ئەمدى ئىنسانلاردا رىئاللىققا ئايلاندۇردى. ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ پىرافىسورى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ 1996-يىلى كىلون قوي دولىنى يىتىشتۈرۈشتە ئىشلىتىلگەن «يادرو كۆچۈرۈش» دەپ ئاتىلدىغان تېخنىكىنى ئىنسان تىرە ھۆجەيرىسىدە سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ مۇۋاپىققىيەت قازاندى. ئىلگىرى كورىيە ئالىملىرى تەرىپىدىن مۇۋاپىققىيەت قازاندۇق دەپ ئېلان قىلىنغان بۇ تېخنىكا ئەمەليەتتە «يادرو كۆچۈرۈش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەس بەلكى «تەن سىرتىدا ھامىلە يىتىشتۈرۈش» ئۇسۇلىنى قوللانغان يالغانچىلىق بولۇپ چىققان ئىدى.

لىكىن، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ مەقسىتى ئىنسانلارنى كلونلاش ئەمەس. ئۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ تىرە ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسىنى تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە كۆچۈرۈپ ئاندىن ئېلىكتىرلىق ۋە خېمىيىلىك غىدىقلاش ئارقىلىق بۇ تۇخۇمنى بۆلۈندۈرۈپ بىمارغا خاس تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئالغان. ھۆجەيرە ئادەم بەدىنىنى تۈزگۈچى بىرلىك بولۇپ، غول ھۆجەيرىلەرنى ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق ھۆجەيرىلەرگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق كەلگۈسىدە قېرىلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىدىن تارتىپ يۈرەك كېسەللىكلىرى، دىئابىت كېسەللىكلىرىگىچە كەڭ دائىرىدىكى ھازىر داۋاسى يوق نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالاش مەقسىىتىگە يەتكىلى بولۇشى مۇمكىن.

2007-يىلى شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە تەتقىقات گورۇپپىسى مايمۇن غول ھۆجەيىرىسىنى كىلونلاپ چىققان بولۇپ تەتقىقات ماقالىسى نوپۇزلۇق ژورنال <<تەبىئەت>> ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2007- يىلى <<دەۋىر>> ژورنىلى تەرىپىدىن 2007-يىلىدىكى 10 چوڭ ئىلمى بايقاشنىڭ ئالدىنقا قاتارىغا تىزىلغان ۋە جۇڭگونىڭ 2007-يىللىق 10 چوڭ ئىلمىي بايقاشنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. بۇ شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىككىنجى قېتىم دۇنياۋى زور شان-شۆھرەت قازىنىپ ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن ساھەسىگە زور تۆھپە قوشۇشى ھېسابلىنىدۇ.


ئامېرىكا ئالىي مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپ مۇدىرى دوكتۇر تاشپولات روزى مۇنداق دەيدۇ:
مۇبارەك بولسۇن! 10 يىلنىڭ ئالدىدا كورىيەلىك "ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى كلۇنلىدىم" دەپ تەبىئەت ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلغان ۋاقتىدا، پۇتتىن كورىيە خەلقى بىز دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇق دەپ جار سالغان ئىدى. بىراق ئۇ كورىيەلىكنىڭ ماقالىسى يالغان سانلىق مەلۇماتلار بىلەن توقۇپ چىقىرىلغان ماقالە ئىكەنلىكى پاش بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ماقالىسى تەبىئەت ژۇرنىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ كورىيە تەرەپ ئۇنى قولغا ئالغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق دۇنيادا تەس دەپ قارالغان تەتقىقاتنى بىزنىڭ ئۇيغۇرىمىزدىن چىققان پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ ئۇ يېڭىلىقنى جاكارلىدى. بىزلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا ئالىملىرى ئالىمىمىزغا ھەيران قىلىپ ئۇنىڭغا تەبرىكلەرنى ياغدۇرۇۋەتتى. باشقىلار ئۇنۇڭدىن سەن قايسى ئىلغار مىللەتتىن دەپ سورىۋىدى ئۇ: «مەن ئەقىللىق ئۇيغۇر مىللىتىدىن» دەپ ئۆزىنى دۇنياغا جاكارلىدى. شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەقىللىق دەپ يۈرگەن يەھۇدىلارمۇ بۇ ساھەدە بىزنىڭ كەينىمىزدە! شۇڭا بىزلەر ئۇنۇڭدىن ئۆگىنەمدۇق بۇنىڭدىن ئۆگىنەمدۇق دەپ گاڭگىراپ يۈرمەي پەخىرلىك ئالىمىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىشىمىز، ئۇنۇڭ قىيىنچىلىقنى بېسىپ چۈشىدىغان قەيسەر روھىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم! ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىدۇر! 



خەتكۈچلەر:
02-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek