كورىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 19-يانۋار كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گۆنھېي زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئۈچىنچى قېتىملىق دۆلەت ئىشلىرى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىندا چاۋشيەن يېقىندا ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقىغا قارتا پارك گۆنھېي مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ: چاۋشيەن بۇ قېتىملىق ئۆزى پەيدا قىلغان خاتالىقنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىشى كېرەك، دېدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ دۆلەت پارلامېنتىغا قارىتا مۇنۇلارنى كۆرسىتىپ، چاۋشيەننىڭ يەنە قايتا ئىغۋاگەرچىلىك پەيدا قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كورىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇرۇش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، دېدى.
پارك گۆنھېي يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر بۇ قېتىم تېخىمۇ قاتتىق ۋە ئۈنۈملۈك بولغان تەدبىرلەرنى قوللانمىساق، ئۇ ھالدا چاۋشيەنگە خاتا ئۇچۇر بېرىپ قالىمىز، يەنى چاۋشيەن ئۆزىچە «خەلقئارا جەمئىيەت بىزنى ھېچقانداق قىلالمايدۇ.» دەپ قالىدۇ. بىز دىپلوماتىيە جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئامېرىكا قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۈچلۈك ۋە ئومۇميۈزلۈك بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چاۋشيەننى جازالىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
پارك گۆنھېي دۆلەت پارلامېنتىغا قارتا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسىڭلارنىڭ ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى تونۇپ يېتىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چاۋشيەننىڭ قىسمەن ھالەتتە ئىغۋاگەرچىلىك پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىپ، ھازىرقى ئۇرۇش ھالىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز، ئىغۋاگەرچىلىك كۆرۈلگەندە دەرھال تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved