يېقىندا Anonymous ناملىق خاككېرلار تەشكىلاتى توردا بىر بۆلەك سىننى ئېلان قىلدى. سىندا يۈزىگە گاي فوكس نىڭ نىقابىنى تاقىغان بىر ئەر فىرانسۇز تىلىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: تېرورچىلار! بىز سىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىمىز. بىز سىلەرنىڭ توردىكى ھەرقانداق ئىش ھەركىتىڭلارنى ئىز قوغلايمىز. سىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى بارلىق ھېساباتىڭلارنى توڭلىتىۋېتىمىز.
ئۇلار بۇ ئۇچۇرنى غەززا تەشكىلاتى ۋە باشقا بارلىق تېررولۇق تەشكىلاتلىرىغا قارىتا يوللىغان.
Anonymous مەنىسى نامسىزلار، Anonymous بولسا زور تۈركۈم خاككېرلاردىن تەركىپ تاپقان تارقاق تەشكىلات . پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك مالىمانچىلىقنىڭ ھەممىسدە ئۇلارنىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلار ئىلگىرى ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىغىمۇ ھۇجۇم قوزغىغان.
بارلىق Anonymous تەشكىلاتىغا ئەزا خاككېرلار يۈزىگە گاي فوكسنىڭ نىقابىنى تاقىۋالىدۇ. فوكس بولسا ئەنگىلىيە كاتولىك دىنى <سۈيقەست تەشكىلاتى>نىڭ ئەزاسى 1605-يىلى جامىس بىرىنجى ۋە بارلىق ئېنگىلاند پارلامېنت ئەزالىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان. پىلان مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان فوكس ھۆكۈمەتسىزلەر تەشكىلاتىنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved