شىنجاڭ 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە بىر مىليون 740 مىڭ كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى

       12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چوڭ مۇھىت بەرپا قىلىپ يېتەكلەش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ تۈرتكە بولۇش، نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە نامراتلارنى يۆلەشكە مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ناراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىر مىليون 740مىڭ كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، نۇقتىلىق نامرات ناھىيەلەردىكى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرچە ساپ كىرىمى 3543 يۈەندىن 6690 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 17.2 پىرسەنت ئاشتى.

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېڭىلىق يارىتىپ مەخسۇس ناراتلارنى يۆلەش، كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ نامراتلارنى يۆلەشدىن ئىبارەت تۆت بىر گەۋدىلەشكەن نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئەندىزىسى ئارقىلىق، زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، ئەسەبىيسىزلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى توغرا ئېتىقاد قارىشى تىكلەشكە، ئىلىم-پەننى ھۆرمەتلەشكە يېتەكلەپ، نامرات رايونلاردىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان؛ بولۇپمۇ 2014-يىلىدىن باشلاپ 200 مىڭ ئورگان كادىرىنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ئەلرايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش پائالىيىتىگە تەشكىللىگەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئون مىڭدىن ئارتۇق كەنت، مەھەللىنى قاپلىغان، تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەن.

     13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامرات نوپۇسنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىشى ۋە تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇش؛ نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرچە كىرىمىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى شىنجاڭ ۋە مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى بولۇش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئاساسلىق ساھەلىرىدىكى كۆرسەتكۈچنىڭ مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيەسىگە يېقىنلىشىشى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ ھازىرقى ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئىككى مىليون 610مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلۇشىغا، 35 نۇقتىلىق نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى تولۇق چۆرۈپ تاشلىشىغا، 3029 نامرات كەنتنىڭ نامراتلىق تىزىملىكىدىن تولۇق چىكىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن تولۇق قۇتۇلۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
09-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek