U23 ياشلىقلار ئاسىيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ياپونىيە كوماندىسى ھەل قىلغۇچقا كىردى.

     26- يانۋار، U23 ياشلىقلار ئاسىيا پۇتبول لوڭقىسى يەنى رىئودى ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى تۇنجى مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا، ياپونىيە ئولىمپىك كوماندىسى ئىراق كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى. ئەڭ ئاخىرىدا ياپونىيە ئولىمپىك كوماندىسى تولۇقلاپ بېرىلگەن ۋاقىتتا ئىراق ئولىمپىك كوماندىسىنى بوغۇزلاپ تاشلاپ، بۇ قېتىملىق ئاسىيا پۇتبول لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاسىيادىن تۇنجى بولۇپ رىئودى ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كىرىش بېلىتىگە ئېرىشكەن كوماندا بولۇپ قالدى.

      مۇسابىقە باشلىنىپلا ئىككى كوماندىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەسى ئىنتايىن كەسكىن بولدى، مۇسابىقە 26- مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، ياپونىيە كوماندىسى تۇنجى بولۇپ ۋاراتاغا توپ كىرگۈزدى. بۇ توپنى كۇبو خىرويا  ئۇرۇپ، ياپونىيە 1 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ۋاقىتىنچە ئالدىغا ئۆتتى. يېرىم مەيدان ئاخىرلىشىش ئالدىدا، مۇسابىقە 43 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، ياپونىيە ئارقا سەپ مۇداپىئەچىسى مۇساشى سۇزۇكى كاللا توپ بىلەن مۇھاسىرىدىن قۇتۇلماقچى بولغاندا خاتالىق كۆرۈلدى، ئىراق كوماندىسىكى ئاساد چەكلەنگەن رايوندا ئارقا- ئارقىدىن ئىككى قېتىم كاللا توپ ئۇرۇپ بۇ توپنى كىرگۈزۈپ، ئىراق كوماندىسى ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن نومۇر پەرقىنى 1 دە 1 قىلىپ تەڭلەشتۈرۋالدى.

       كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئىككى تەرەپ نومۇر پەرقىنى زورايتالمىدى، 90 مىنۇتلۇق كەسكىن جەڭ ئارقىلىق مۇسابىقە نەتىجىسى 1 دە 1 بولۇپ ئاياقلاشتى، قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىگە ئاز قالغان پەيتتە، ياپونىيە كوماندىسىدىن رىكى خاراكاۋا تولۇقلاپ بېرىلگەن ۋاقىت 3- مىنۇتقا قەدەم باسقان ۋاقىتتا ھالقىلىق توپنى كىرگۈزۈپ بوغۇزلاپ تاشلاپ، ياپونىيە ئولىمپىك كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىدا 2 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئىراق ئولىمپىك كوماندىسىنى يېڭىپ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاسىيادىن تۇنجى بولۇپ رىئودى ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كىرىش بېلىتىگە ئېرىشكەن كوماندا بولۇپ قالدى.



خەتكۈچلەر:
27-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
06-02-2016
   «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىل...
06-02-2016
       ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
06-02-2016
      خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا ...
06-02-2016
        خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
06-02-2016
       ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
05-02-2016
        ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت توپچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى بار بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا ئاندىن مەسئۇ...
05-02-2016
      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: ئون كۈن داۋاملاشقان 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوغۇللار زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەينەن ئ...
Powered by Leglek