بىرىنچى، پۇت – قوللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش. ئەتىگەندە كۆزنى ئېچىپ، ئالدى بىلەن كارىۋاتتا ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە قول – پۇتلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئالدىرىماي ئورنىدىن تۇرۇش كېرەك. بۇ ئادەت ئورنىدىن ئىرغىپ تۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قان بېسىمىنىڭ تۇراقسىزلىشىشى، باش قېيىش قاتارلىق ھادىسىلەردىن ساقلايدۇ. قول – پۇتلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى: پۇتنى ئېگىپ يەنە تۈزلەش؛ قول بىلەن تىزنى قۇچاقلاپ ئون سېكۇنت تۇرۇش؛ قولنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئارقىغا تۈز سوزۇش قاتارلىقلار. ئىككىنچى، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش. ئەتىگەندە تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش بەك مۇھىم. بۇ ئادەتنى يېتىلدۈرسىڭىز، ئۆمۈرلۈك نەپكە ئېرىشىسىز. بۇ ئادەتنى تېخى يېتىلدۈرمىگەنلەر مەقسەتلىك ھالدا يېتىلدۈرسە بولىدۇ. مەسىلەن: يېسىۋىلەك، قارا ئاشلىق قاتارلىق يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش، ئەتىگەندە تۇرغاندا تەرەت بار – يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر ھاجەتخانىغا كىرىش كېرەك.
ئۈچىنچى، چىشنى ياخشى چوتكىلاش. گەرچە ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلىغان بولسىڭىزمۇ، كېچىدە ئېغىز بوشلۇقىدا مىكروبلار كۆپىيىدىغان بولغاچقا، ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغا زىيانلىق. شۇڭا، ئەتىگەندە چوقۇم چىشنى ياخشى چوتكىلاش، چىش چوتكىلاش ۋاقتى ئاز بولغاندا ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك.
تۆتىنچى، بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىش. ئەتىگەندە بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئىچىش بەدەن مېتابولىزمىدا يوقاتقان سۇ تەركىبىنى تولۇقلايدۇ، ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قەۋزىيەتتىن ساقلايدۇ؛ قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يۈرەك – مېڭە قان تومۇرلىرى كېسەللىكى قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بۇ ياشانغانلار ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved