روننىي مانچېستېر بىرلەشمە كۇلۇبى بىلەن داۋاملىق توختام ئۇزارتتى
تېڭشۈن تەنتەربىيە خەۋەرلىرى:(لەگلەك تورى تەرجىمىسى) بېيجىڭ ۋاقتى2-ئاينىڭ16-كۈنى،ئەنگىلىيە«قۇياش گېزىتى»نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋېرىدە روننېي نىڭ مانچېستېر بىرلەشمە كۇلۇبى بىلەن توختام ئۇزارتىشقا قوشۇلغانلىقى، كىچىك پورنىڭ كۇلۇپ بىلەن4يېرىم يىللىق يېڭى توختام تۈزگەنلىكى، توختام قىممىتىنڭ70مىلىيۇن فوندسىتېرلىڭ ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىندى،بۇ شۇنى بىلدۈرىدۇكى ئەنگىلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى تارىخدىن بۇيانقى ئىش ھەققى ئەڭ قىممەت توپچى بولۇپ قالدى، روننىي كىلەر پەسىلدىن باشلاپ يەنە كوماندا باشلىقىلىق ئىزنىكى تاقايدۇ.
مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبى روننىي بىلەن توختام ئۇزارتىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن روننىيمۇ ئاخىرى كۇلۇپ بىلەن توختام ئۇزارتىشقا ماقۇل بولغان، ئەنگىلىيە «قۇياش گېزىتى» ئاشكارىلاپ: روننىينىڭ يېڭى توختامىنىڭ 2018-يىلى ئاخىرلىشىدىغانلىقى(روننىيمۇ ئۇ چاغدا33ياشقا كىرىپ قالىدۇ)، مۇئاش جەھەتتە روننىي 250مىليۇن فوندسىتېرلىڭلىق ھەپتىىلىك مۇئاشقا ئىگە بولىدۇ، لىكىن كەلگۈسى4يېرىم يىلدا ئۇ جەمئى70مىليۇن فوندسىتېرلىڭغا ئىگە بولىدۇ.تەخمىنەن ھەر ھەپتىدە300مىڭ فوندسىتېرلىڭ مۇئاش ئالىدۇ دېگەن گەپ. بۇنداق يۇقىرى مۇئاش روننىينىڭ ئەنگىلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى يۇقىرى مۇئاش ئالىدىغان خىزمەتچىلەر ئىچىدە پادىشاھلىق تەختىگە چىقىرىدۇ،كىچىك پور 300مىڭ فوندسىتېرلىڭلىق مۇئاش بىلەن: يايا.تۇرې ،كېلو.تۇرې(220مىڭ فوندسىتېرلىڭ)،ۋان پېرسىې(200مىڭ فوندسىتېرلىڭ)، سۇئارېز(200مىڭ فوندسىتېرلىڭ) قاتارلىقلاردىن ئېشىپ ئەنگىلىيە بىرلەشمىسىدىكى مۇئاشى ئەڭ يۇقىرى توپچى بولۇپ قالدى.
كىچىك پور 2004/05مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ مانچېستېر بىرلەشمە كۇلۇبى ئۈچۈن توپ تىپىشكە باشلىغان. ھازىرغىچە مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۈچۈن423مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ208توپ ئۇرغان،بۈگۈنكى كۈندىكى مانچېستېر بىرلەشمە كۇلۇبى تارىخدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن مەرگەن بولسا بوبى.چارىلتون بولۇپ، ئۇ جەمئى249توپ كىرگۈزگەن،ھازىر كىچىك پورنىڭ بۇ رېكورت بىلەن بولغان ئارىلىقى41توپ. توختام ئۇزارتقاندىن كىيىن روننىينىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىدىن قارېغاندا بۇ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلاش بەلگىلىنىپ بولغان ئىشتەكلا قىلىدۇ. روننىينىڭ توختام ئۇزارتىشى يەنە چېلسې، خانلىق مادرېد قاتارلىق زەردار كۇلۇپلارنىڭ ئۇنى سېتىۋېلىش شېرىن چۈشىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ.
16-02-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: تېڭشۈن
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 |
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى؛ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ، 2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
|
 |
شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.
1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
|
 |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
|
 |
«رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىل...
|
 |
ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
|
 |
خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا ...
|
 |
خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
|
 |
ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
|
 |
ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت توپچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى بار بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا ئاندىن مەسئۇ...
|
 |
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: ئون كۈن داۋاملاشقان 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوغۇللار زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەينەن ئ...
|