سۈرەتتە: شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ھىندىستان خاريانا ئۆلكىسى پاۋىيا ناھىيىسى رايونى (Haryana Pavia County Regional) دا ئىككى پويىز قاتتىق تۇمانلىق ھاۋا-رايى سەۋەبىدىن سوقۇلۇپ كەتتى.
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 8-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ھىندىستان خاريانا ئۆلكىسى پاۋىيا ناھىيىسىدە ئىككى پويىز سوقۇلۇپ 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارلانغان، ئىگىلىنىشىچە، پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى قاتتىق تۇمانلىق ھاۋارايى ئىكەن.
سوقۇلۇپ كەتكەن ئىككى پويىز ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئېلېكتىر ئېنېرگىيىلىك بىر پويىز ۋە شۇ رېلىستا توختىتىپ قويۇلغان بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەن رايون ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلى شەھىرىدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ئېنىق بولمىغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەقەدە بىر پويىز شوپۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى ئادەم قازا قىلغان.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۆمۈر يول ئىدارىسى ئورگانلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىر جىددى تۈردە ۋەقەدىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىۋاتقان بولۇپ، يارلانغۇچىلار پاۋىيا ناھىيىسى ۋە خاريانا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىدىكى فارىداباد شەھىرى (Faridabad) دىكى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved