قىش كىرگەندىن بۇيان،ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئېغىر دەرىجىدىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى كۆرۈلدى. جامائەتچىلىكتە ‹‹ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى››نىڭ يولغا قويۇلغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشتى، نېمە ئۈچۈن تۇمان يەنىلا بۇنداق ئېغىر بولىدۇ؟ دېگەن گۇمان تۇغۇلدى.
يېقىندا، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان مۇھىت ئاسراشنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلغىمىنى تۈزەش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچىمەسلىك ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر ئىكەن. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە جايلارنىڭ لايىھەسى بار، تەدبىرى يوق، ئورۇنلاشتۇرۇشى بار، ئەمما ئىزچىللاشتۇرمىغان، باھالىشى بار، ئەمما مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرمىگەن بولۇپ، بۇلار نۇرغۇن خىزمەتنىڭ شەكىلۋازلىققا ئايلىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان. بۇ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچىمەسلىكتىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش ئۈچۈن، مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە قانۇن – نىزام ۋە سىياسەت – تەدبىرلەر ئېلان قىلىنىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىراق،جايلار سىياسەت – تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كۈچلۈك بولمىدى. چوڭراق لايىھەلەردە چاتاق بار، ئىجرا قىلىش مۇھىتىمۇ ئۇنچىۋالا ياخشى ئەمەس. بۇلغىمىنىڭ باش جىنايەتچىسى خالىغانچە بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانىلار بولغان. يېڭى مۇھىت ئاسراش قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇلغىما چىقىرىدىغان بەزى كارخانىلار يەنىلا تەلۋىلەرچە ئىش قىلىۋاتىدۇ.بۇلغىمىنى تۈزەش لايىھەسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى تەس بولسۇن ياكى بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ قانۇن بىلەن ئوينىشىشى بولسۇن، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب يەنىلا مۇھىت ئاسراشتىكى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ جايىدا بولمىغانلىقىدا بولۇپ، بۇ بەزى جايلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئېغىزىدىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرىكىتىدە ئەھمىيەت بەرمەسلىكىگە سەۋەب بولۇپ قالغان.
2013 – يىلنىڭ ئاخىرىدا مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ‹‹يەرلىكتىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەتىجىسىنى باھالاش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتتى. ئارقىدىنلا،جايلار نەتىجىنى باھالاش ئۇسۇلىنى تەڭشەپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى نەتىجىنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلدى. لېكىن كونكرېت ئىجرا قىلىش جەريانىدا، جايلار GDP نىڭ ئېشىشىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئەھمىيەت بەرمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايرىم رەھبەرلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە بۇلغىغۇچى كارخانىلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولغاچقا، مەنپەئەتنى دەپ بۇلغىغۇچى كارخانىلارنى قوغدىدى.
رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، نەتىجىنى باھالاش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر. يېڭى مۇھىت ئاسراش قانۇنىدا يەرلىكتىكى ئەمەلدارلارنىڭ مۇھىت ئاسراشتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىگە قارىتا ئېنىق بەلگىلە چىقىرىلدى. 2014 – يىلى 8 – ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى تارقاتقان ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى››دە، يەرلىكتىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ‹‹پارتكوم بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەڭ سۈرۈشتۈرۈش›› تەكىتلەندى ھەم 25 خىل ئەھۋالدىكى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش بەلگىلەندى. تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە نەتىجىنى باھالاشقا ئاساسەن، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاش ئېنىق ئايرىلىپ، ئۈلگە بولۇش ۋە ھوشيار بولۇش ئۈنۈمى شەكىللەندۈرۈلدى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچىمىگەنلەر، بايلىققا ئېتىبار بەرمەي، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا قارىغۇلارچە تەدبىر بەلگىلەپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئالاقىدار قانۇن، بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق جازا بېرىپ، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق قاتتىق تۈزۈم سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاش ئېنىق ئايرىلىپ، مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلگەندىلا، ئاندىن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئېكولوگىيە مۇھىتى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
![]() |
خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بىڭجۇ بۆلىكىدە دېڭىز يۈزىدە مۇز پارچىلىرى لەيلەپ يۈرمەكتە.
20-يانۋار «قاپاق ياردى» مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved