يېقىندىن بۇيان ھاۋا ھەقىقەتەن ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، مەكتەپكە بېرىش ياكى خىزمەت ئىشى بولمىسا ھەرگىز سىرتقا چىققۇڭىز كەلمەيدۇ.
بۇنداق سوغۇق ھاۋادا بىر قىسىم ئامېرىكا كىشىلىرى يەنىلا مۇنداق قىزىقارلىق ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالمىغان. يېقىنقى نەچچە كۈندە ئامېرىكا شەھرى مىننېئاپولىسدا بەلكىم مۇنداق ئەھۋاللارنى كۆرۈش مۇمكىن.
بۇ ئىشتانلار قاتتىق سوغۇقتا مۇنداق تۇرۇشى بىلەن، خۇددى كۆرۈنمەس ئادەم كىيىۋالغاندەك كۆرىنىدىكەن.
كىمنىڭ بۇ ئىشنى تۇنجى بولۇپ پەيدا قىلغانلىقىمۇ بىلگىلى بولمايدىكەن، ھازىر بۇ بىر خىل قىزىق ئەھۋال بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بەس-بەستە ئىشتانلىرىنى سۇغا چىلاپ ئېلىپ چىقىپ مۇشۇنداق تىزىپ قويغان.
ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ سوغۇق ھاۋادا قىزىقارلىق نەتىجىسى چىقىدىكەن.
بۇ ئىشتانلار بىلەن بىرلىكتە رەسىمگە چۈشۈپ قويۇڭ.
مەنزىرە كۆرۈۋاتقان ئىككى ئىشتان.
پار بەكلا ئىسسىپ كەتتى، سىرتقا چىقىپ بىردەم تۇرۇپ كىرەيلى.
شۇڭا ھازىر«سوغۇقتىن ئالۋاستى چىقتى» دېسەك توغرا بولىدىكەن.
لېكىن بۇنداق چوكا مۇزدەك بولۇپ قالغان ئىشتانلارغا قارىسا، ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلىگە ئۆزگىچە تۇيغۇلار كېلىدىكەن.
بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ: ئەگەر يېرىم كېچىدە بۇ ئىشتانلارنى كۆرۈپ قالغان ئادەم قورقۇپ كېتەمدىغاندۇ؟
![]() |
خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بىڭجۇ بۆلىكىدە دېڭىز يۈزىدە مۇز پارچىلىرى لەيلەپ يۈرمەكتە.
20-يانۋار «قاپاق ياردى» مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆل...
|
![]() |
كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى سەۋەبىدىن، خاڭجۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 21-يانۋاردىن باشلاپ پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە دەرس توختىتىشنى قارا قىلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved