رۇسىيە زوڭتۇڭى پۇتىن 4- دېكابىر دۆلەت ئەھۋالىدىن سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرگەندە رۇسىيە چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان كاپىتالنى ئومۇمىي كەچۈرۈم قىلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پۇتىن مۇنداق دېدى: چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان كاپىتال رۇسىيىگە قايتۇرۇپ كېلىنىدىغانلا بولسا، رۇسىيە بۇ كاپىتالغا ئىگە بولغان كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ شۇنداقلا بۇ كاپىتالدىن باج ئالمايدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى ئومۇمىي كۈچۈرۈمى كاپىتالنىڭ چەتئەللەرگە ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلەپ، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە دۆلەت ئىچى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىراق رۇسىيىنىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمىسى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان كاپىتال ئىگىلىرى رۇسىيە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئېنىقلىشىدىن ئەمدىشە قىلىپ، بۇ كاپىتالنى دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىشكە پېتىنالمايدۇ. شۇڭا ئومۇمىي كەچۈرۈم ئارقىلىق كۆزلەنگەن ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولۇش ياكى بولماسلىقىنى يەنە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
غەربنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازالىشى ۋە خەلقئارادا نېفىت باھاسى تۆۋەنلىشىنىڭ تەسىرىدە ، رۇسىيىدە رۇبلىنىڭ قىممىتى زور دەرىجىدە چۈشتى. كۆپلىگەن كاپىتال سىرتقا ئېقىپ كەتتى ،بۇ رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ھەرىكىتىنى غايەت زور خېيىم خەتەر ۋە بېسىمغا يولۇقتۇردى. كەسكىن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا رۇسىيە ئىقتىسادىي كرىزىستىن قانداق قۇتۇلۇشى تەبىئىيلا پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى دۆلەت ئەھۋالىدىن سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا ئايلاندى.
بۇ يىل 3-ئايدا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە كرىزىس پارتلىغاندىن بۇيان، غەرب رۇسىيىنى كۆپ قېتىم جازالىدى، بۇ پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، دۆلەت موداپىئەسى قاتارلىق رۇسىيە ئىقتىسادىدىكى ئەڭ مۇھىم ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ئالايلۇق، غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيە كارخانىلىرىنىڭ غەربنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن قەرز پۇل ئېلىشنى چەكلەپ، كۆپلىگەن رۇسىيە كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش يوللىرىنى ئۈزۈۋەتتى. غەرب رۇسىيىگە سلانتېس مېيى قېدىرىش ۋە ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى ئېكسپورتىنى مەنئى قىلدى، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيىنىڭ نېفىت مەھسۇلاتى ۋە ئېكسپورتى تۆۋەنلىدى. ئۇندىن باشقا بۇ يىل 6-ئايدىن بۇيان، خەلقئارادىكى نېفىت باھاسى ھەر بىر تۇڭى 100 نەچچە ئامېرىكا دوللىرىدىن 70 ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلىدى. بۇ ئۇزۇن مەزگىل ئېنېرگىيە ئېكسپورتىغا تايىنىدىغان رۇسىيە مالىيىسىدە مەسىلە پەيدا قىلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان، رۇبلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى 50%تۆۋەنلىدى. رۇسىيە ئىقتىساد تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋىجىيىف مۇنداق دېدى: 2014-يىلى رۇسىيە كاپىتالىنىڭ چەتئەلگە ئېقىپ كەتكەن ئومۇمىي مىقدارى 120 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
پۇتىن شۇ كۈنى دۆلەت ئەھۋالىدىن سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرگەندە ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە رۇسىيىنىڭ چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان كاپىتالنى قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. پۇتىن مۇنداق دېدى: ئەگەر رۇسىيە چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان كاپىتالنى قايتۇرۇپ كېلەلىسە ، بۇ كاپىتال ئىگىلىرىگە ئەدلىيە جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. رۇسىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرى جۈملىدىن ئەدلىيە ئورگىنى چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان بۇ كاپىتالنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئېرىشىش يوللىرىنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ؛ بۇ كاپىتال ئىگىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار ۋە مەمۇرىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان كاپىتالنىڭ باجنى كەچۈرۈم قىلىش شەكلى ئارقىلىق رۇسىيىگە قايتۇرۇپ كېلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن كەلگۈسى تۆت يىلدا رۇسىيە ھازىرقى باج نىسبىتىنى كۆپەيتمەيدۇ، دېدى.
پۇتىن 2000-يىلى رۇسىيە زوڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن پۇل مۇئامىلە مۇشتۇمزورلىرىغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن پۇل مۇئامىلە مۇشتۇمزورلىرى چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى ياكى تۈرمىگە كىردى. پۈتۈننىڭ بۇ ھەرىكىتى سىياسىي شۆھرىتىنى تىكلىشىگە ياردەم بېرىپ، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ قوللىشىغا سازاۋەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپلىگەن پۇل مۇئامىلە مۇشتۇمزورلىرىنىڭ كاپىتالنى چەتئەلگە يۆتكەپ، چەتئەللەردە چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان شىركەتلەرنى قۇرۇش شەكلى ئارقىلىق ، دۆلەت ئىچىدە تىجارەت ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى.
رۇسىيە زوڭتۇڭىنىڭ مەسلىھەتچىسى گىراچىيوف مۇنداق دېدى: رۇسىيىنىڭ چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان كاپىتالى تەخمىنەن 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، بۇ كاپىتال رۇسىيىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىشىنى كېڭەيتىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
پۇتىننىڭ بۇ قېتىمقى چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان كاپىتالنى ئومۇمىي كەچۈرۈم قىلىشى بىر خىل شەكىل بىلەن ئۇنى رۇسىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش بولۇپ، رۇسىيىنىڭ دۆلەت ئىچىدە مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان كاپىتال ئىگىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، پۇتىننىڭ بۇ ئىپادىسى ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق شەكىل ئارقىلىق چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان كاپىتالىنى دۆلەت ئىچىگە يۆتكىشىگە پۇرسەت يارىتىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئومۇمىي كەچۈرۈمنىڭ ئەلۋەتتە چېكى يوق ئەمەس. پۇتىن دۆلەت ئەھۋالىدىن سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرگەندە ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:ئومۇمىي كەچۈرۈم چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان كاپىتالغا بىر قېتىم بىلەنلا چەكلىنىدۇ. رۇسىيە زوڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان كاپىتال ئىگىلىرى بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتمىسا، رۇسىيەنىڭ چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان كاپىتالغا زەربە بېرىش سالمىقىنىڭ كۈچەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان كاپىتال ئىگىلىرى رۇسىيە قانۇنىنىڭ قاتتىق جازاسىدىن ساقلىنالمايدۇ.
چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان كۆپ مىقداردىكى كاپىتال رۇسىيىگە قايتىپ كەلسە رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىدۇ. بىراق رۇسىيە ئەدلىيە تۈزۈلمىسىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، كۆپلىگەن چېگرا ئېغىزىدىن ئايرىلغان كاپىتال ئىگىلىرى كاپىتالىنى دۆلەتكە قايتۇرۇپ كەلسە رۇسىيە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئېنىقلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved