گىرېتسىيە يېرىم ئارىلى خەلقى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى

         «يەر شارى تورى خەۋىرى» ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ 25- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا گىرېتسىيە يېرىم ئارىلىدىكى خەلقنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشنى قوللاش توغرىسىدىكى بىر پارچە مۇراجىئەتنامە پۈتۈن يەر شارىغا تارقالغان بولۇپ، بۇ مۇراجىئەتنامىگە 300 مىڭدىن كۆپرەك تورداش ئىمزا قويغان. مۇراجىئەت قىلغۇچىلار بىردەك، گىرېتسىيە يېرىم ئارىلىدىكى نۇرغۇن خەلق ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى بىر يانغا تاشلاپ قويۇپ، باشتىن-ئاخىر مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇش ئالدىنقى سېپىدە كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە، ئۇلارنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىش سالاھىيىتى بار، دەپ قارىغان.

       دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇراجىئەت قىلغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ:«گىرېتسىيە يېرىم ئارىلىدىكى خەلق ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، ئوتتۇرا دېڭىزنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتمەكچى بولغان ئاشۇ مۇساپىرلارنى قۇتقۇزماقتا ھەمدە ئۇلارنى پاكىز يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك ۋە تۇرالغۇ بىلەن تەمىنلىمەكتە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە پىكىر-تەكلىپ بەرمەكتە» دېگەن. ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى»دە:«ئۇلارنىڭ يۈكسەك بولغان ئۆز-ئۆزىنى تەقدىم قىلىش روھى ۋە ھېسداشلىقى تارىخقا خاتىرىلەنگۈسى» دېيىلگەن.

      نۆۋەتتىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، نوبىل مۇكاپاتىغا تەشكىلات ياكى شەخسلەر ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن، گىرېتسىيە يېرىم ئارىلى خەلق بەلكىم ھۆكۈمەتنىڭ نامى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات قىلىنىشى مۇمكىنكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە دانىيەدىكى باشلامچى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئارگىنالى تەييارلىنىپ بولغان مۇراجىئەتنامىدە تىلغا ئېلىنغان گىرېتسىيە يېرىم ئارىلى خەلقنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلشىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سەۋەبى باركەن: ئاق كۆڭۈل، باتۇر، ئىنسانپەرۋەرلىك سۆيگۈسىنىڭ روھى بىلەن قىيىنچىلىقتا قالغان كىشىلەرگە ياردەم بەرگەن، ئۇلار پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۈلگىسى.

نۆۋەتتە مەزكۇر مۇراجىئەتنامىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىمزا قويغان تورداشنىڭ سانى 300 مىڭغا يېقىنلاشقان.



خەتكۈچلەر:
25-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
    ھىندى مۇرتلىرى گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھىندىستاننىڭ 62 مىليون دوللار تىنچلىقنى قوغدا...
06-05-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، جەنۇبىي ئافرىقا كاپېتوۋن، جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنتى زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەش دېلوسى ئۈستىدە داۋاملىق كېڭەشكەن بولۇپ، زۇڭتۇڭ زۇما نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، ئۆكتىچى پارتىيە ئىقتىسادىي ئەركىنلىك جەڭچىسى پارتى...
06-05-2016
    جۇڭگو گېزىتى تورى، 6-ماي تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە ئاخباراتلىرىنىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيە ۋە تۈركىيەنىڭ چېگراسىدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، نۇرغۇن ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئاز...
06-05-2016
     مالايسىيا زۇڭلىسى نەجيب 6- ماي مۇنداق دېگەن: قۇتقۇزغۇچى خادىملار 5- ماي كالىمانتان ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى ساۋاراك ئوبلاسىتىدا يوقاپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى بايقىدى، ئايروپىلاندىكىلەرنى ئ...
06-05-2016
    يېقىنقى كۈنلەردە، ئېكۋادوردىكى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون Chamanga، شۇ يەردىكى پىدائىيلار جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياردەم بەرگەن چېدىرلارنى توشۇماقتا. بېيجىڭ ۋاقتى 17-ئاپرېل ئېكۋادورنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دېڭىز بويىدىكى...
06-05-2016
    4-ماي سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇ نەزەربەند قىلىنغان قاھىرەدىكى مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسى سىرتىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭ 88 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
06-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە تاكسى شوپۇرلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، UBER قاتارلىق تاكسى توسۇش دېتاللىرىغا قارشى تۇردى.
06-05-2016
    تۈركمەنىستان ئاخار چىلان تورۇق بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 23–ئاپرېل زۇڭتۇڭ ئات مەيدانىدا ئەڭ كۆركەم چىلان تورۇقنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ‹‹بەگخان›› ئىسىملىك سەككىز ياشلىق كۈلرەڭ ئات باھالىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتى...
06-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھومۇس ئۆلكىسىدە ئىككى قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 پۇقرا قازا قىلغان، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.      دەسلەپكى قە...
06-05-2016
    مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىنىيەلىك قۇتقۇزغۇچى خادىملار 5- ماي پايتەخت نايرۇبىدا 6- كۈن ئىلگىرى قارا يامغۇر يېغىش سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ خارابىلىرى ئارىسىدىن قورساق كۆتۈرگىنىگە 8 ئاي بولغ...
Powered by Leglek