خەلق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 9-مارت ۋېنسوئىلانىڭ يېقىندا ئامېرىكىغا بىر يۈرۈش ئېمبارگو تەدبىرىنى قوللانغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋېنسوئىلا ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش پەرمانى چۈشۈردى .
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پېساكىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە زۇڭتۇڭ ئوباما چۈشۈرگەن مەمۇرىي پەرماندا مۇنداق دېيىلگەن :>ۋېنسوئىلانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋەپسىزلىكى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئۆزگىچە تەھدىت پەيدا قىلدى .شۇڭا زۇڭتۇڭ ئوباما ۋېنسوئىلانىڭ بۇ خىل تەھدىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى جاكارلىدى .ئۇ يەنە ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىشى سەۋەبلىك ھەربىي تەرەپنىڭ ئۈچ ھوقۇق دەرىجىلىك ئەمەلدارى ،بىر ئاخبارات ئەمەلدارى ،بىر دۆلەت كارخانىسى مەسئۇلى ۋە ساقچى تەرەپنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ۋېنسوئىلا ئەمەلدارىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى بارلىق مال مۈلۈكنى توڭلىتىش ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ چېگىرىدىن ئۆتۈشىنى چەكلەش پەرمانى چۈشۈردى <.
شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوباما يەنە مۇشۇ تۈردىكى قىلمىشلارغا چېتىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ۋېنسوئىلا ئەمەلدارلىرىنى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ھوقۇقى بەردى .ئاقساراي باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى :>گەرچە ئامېرىكا بىلەن ۋېنسوئىلانىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ مۇناسىۋىتىدە سەل ئىختىلاپلار كۆرۈلگەن بولسىمۇ ئامېرىكا يەنىلا ۋېنسوئىلا خەلقى بىلەن بولغان كۈچلۈك ھەم ئۇزاققىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان يېقىن مۇناسىۋەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋېنسوئىلا ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى خالايدۇ <.ئامېرىكا بىلەن ۋېنسوئىلانىڭ مۇناسىۋىتى يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان سەل كەسكىنلەشكەن باشلىدى .ئوباما بىر قانۇن ئىمزالاپ ۋېنسوئىلادىكى ئالىي باش تەپتىش ،سابىق ئەدلىيە مىنىستىرىنى ئۆ زئىچىگە ئالغان ۋېنسوئىلانىڭ 50 كە يېقىن ئەمەلدارىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ ئۇلارنى بۇلتۇر نەچچە ئاي داۋاملاشقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشىنى باستۇرۇشتا ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلدى دەپ ئەيىبلىدى .بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالدىنقى ئاينىڭ باشلىرىدا ۋېنسوئىلا زۇڭتۇڭ مادورو ئامېرىكىنىڭ ۋېنسوئىلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئىزچىل ئارىلاشقانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ۋېنسوئىلادا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ سانى ۋە ھەرىكىتىگە چەك قۇيۇش ،بىر قىسىم ئامېرىكا سىياسىئونلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگە چەك قۇيۇش ئامېرىكا پۇقرالىرى چېگرىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ۋېزا ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى يولغا قۇيۇشنى ئېلان قىلغان ئىدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved