ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كاپالەت تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا 2011–يىلىدىن 2013–يىلىغىچە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن مەبلەغ 728 مىليون يۈەندىن 1 مىليارد 946 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، جەمئىي 4 مىليارد 362 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 63.46 دىن ئاشتى .
كاپالەت تۇرالغۇسى قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا ، مەبلەغنىڭ ئۆزگىرىشى ئىجارىگە بېرىلىدىغان ھۆكۈمەت ئۆيلىرى قۇرۇلۇشىغا قارىتىلغان .
11-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، 2011–يىلىدىن بۇيان ئىجارىگە بېرىلىدىغان كاپالەت تۇرالغۇسى (ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ۋە ئىجارىگە بېرىلىدىغان ھۆكۈمەت ئۆيلىرى) نىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر تېز ئاشقان ، 11–بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئىجارىگە بېرىلىدىغان كاپالەت ئۆيىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %66 كە يەتكەن ، 2011–يىلىدىن 2013–يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا %77.3 كە يەتكەن .
بۇنىڭ ئىچىدە ئىجارىگە بېرىلىدىغان ھۆكۈمەت ئۆيلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بولغان ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 11–بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى ئومۇمىي كۆلەمنىڭ 22 ھەسسىسىگە يەتتى ، ھازىر ئىجارىگە بېرىلىدىغان ھۆكۈمەت ئۆيلىرىنىڭ كاپالەت تۇرالغۇلىرى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %36 كە يەتكەن . كاپالەت ئوبيېكتلىرى ئارىسىدا شەھەردىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلىكلەر، تۆۋەن كىرىملىك قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلىكلەرنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپ ، ئاساسىي ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ نامايان قىلىنغان ئىلتىماس سۇنۇش شەرتى پەيدىنپەي بوشىتىلغان .
![]() |
يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.
5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved