ساندىسك تورى 4-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ساقلىغۇچ كارتا ئىشلەپچىقارغۇچىSanDisk شىركىتى ، 200 GB لىق ساقلىغۇچ كارتا ئىشلەپچىقاردى. يېڭى كارتا بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بازارغا چىقىرىلىدۇ.
ساقلىغۇچ كارتا ياساش شىركىتى ساندىسك، 200 GB لىق مىكرو SD كارتا ئىشلەپ چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شىركەت microSDXC UHS-I Premium Edition دەپ ئاتىغان بۇ كارتا يېقىندا بۇرۇنقى كارتا128 GB دىن يۇقىرى بولغان 200 GB نى بازارغا سالىدۇ.
سىكونتىغا ئەڭ ئاز بولغاندا 10 MB يۆتكەش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇ كارتا بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بازارغا چىقىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ كارتىنىڭ ئامېرىكىدىكى باھاسى بولسا 399 دوللار بولىدۇ. بۇ كارتىغا ئەڭ يۇقىرى سىغىمدىكى سۈزۈك Full HD فىلىملىرىدىن 20 سائەتلىك فىلىم سىغىدۇ.
بەزى يانفۇنلار ساقلىغۇچ كارتىلارنى قوللىمايدىغان بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىر قانچە شىركەتنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى 128 GB لىق ساقلىغۇچ كارتىنى ھەم قوللىمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا 200 GB لىق ساقلىغۇچ كارتىنى قەيەردە قانداق ئىشلىتىش مەسىلىسى ئېنىق ئەمەس.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved