ئىران دۆلەتلىك تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 29- دېكابر دەلىللىشىچە، ئىران 28- دېكابر ئىلگىرى ساقلاپ قويغان تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى ئۇراننى رۇسىيە يۆتكەن ئاپىرىشنى باشلىغان، بۇ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمى تۈزگەندە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بىر قىسىمىنى ئىجرا قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئىران يادور ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ رەئىسى سالىشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران بۇ قېتىم رۇسىيەگە يۆتكەپ ئاپىرىدىغان قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران 8.5 توننا بولۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە ئىران رۇسىيە تەمىنلىگەن 140 توننا ئەتراپىدىكى خىللانغان ئۇران مىنراللىرىغا ئېرىشكەن.
بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بايانات ئېلان قىلىپ، تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى ئۇران بېسىلغان بىر پاراخوتنىڭ ئىراندىن ئايرىلىپ رۇسىيەگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى، بۇ ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىدىكى مۇھىم بىر قەدەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved