ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى تۈنۈگۈن چاۋشيەننىڭ ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قايتىپ كېلىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا دەۋەت قىلدى.
ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى شۇ كۈنى ۋاشىنگتوندا كۆرۈشتى، كۆرۈشۈشتىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت ئىزچىل يادروسىزلاشتۇرۇش چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ساقلاشتا ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىدى، چاۋشيەن «ئىشەنچلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان سۆھبەتكە قايتىپ كېلىپ» يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا چاۋشيەن بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدۇ، لېكىن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن سۆھبەتلەشكەننىڭ ئەھمىيىتى يوق، چاۋشيەن يادروسىزلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى قەتئىي پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىشى كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved