ئۇدا ئىككى سودا كۈنى ئۆسكەندىن كىيىن، ماي باھاسى بۈگۈن يەنە تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتتى. WTI خام نېفىت باھاسى ئىككى سائەت ئىچىدىلا ھەر تۇڭى 32.74 ئامېرىكا دوللىرىدىن 30.88 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ %6 كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى سودا كۈنى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولغان «تىك قىيادىن سەكرەش» تەك بازار ئەھۋالى بولغان. نۆۋەتتە، بۇ ھەپتىدە بازار يىغىلغاندىن كېيىن ماي باھاسى ھەر تۇڭى 30 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادىن تۆۋەنلەپ، 2003-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھا رېكورتىنى يېڭىلىغان. كەلگۈسى بىرنەچچە ھەپتىگىچە ماي باھاسى داۋاملىق تۈردە چۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن.
يەنە بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىملىق زور چۈشۈشنىڭ سەۋەبى، 1-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە بولغان ئالدىنقى بىر ھەپتىدە فوند مەبلىغىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور بىر تۈركۈم خام نېفىت ھايانكەشلىرىنىڭ قولىدىكى پۇل %8.4 ئازىيىپ كەتكەن. بىراق 1-ئاينىڭ 19-كۈنى خام نېفىت باھاسى تېخى قاڭقىش مەزگىلىگە كىرمىگەن، ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارمۇ تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولغانلىقتىن، بۇ خىل چۈشەندۈرۈشكە قارىتا يەنە مۇلاھىزە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
خام نېفىت باھاسىدىكى بۇنداق زور تەۋرىنىش ئەھۋالىغا قارىغاندا، خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش ۋەزىيىتى تېخى ئاياغلاشمىغاندەك قىلىدۇ. ئەمما يېقىنقى ئون يىل مابەينىدىكى خام نېفىت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئومۇمىي ئەھۋالى بولسا V شەكىللىك، يەنى ئاۋۋال چۈشۈپ ئاندىن ئۆرلەش. نۆۋەتتىكى خام نېفىتنىڭ ھەر تۇڭى 27.56 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھاسى ئاشۇ V شەكلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چوققىسى ياكى تېخى چۈشۈۋاتقان تەرىپىدىكى بىر نۇقتا بولۇشى تېخى نامەلۇم.
![]() |
بازار تەمىنلەش ئېھتىياجدىن يۇقىرى بولۇشتىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، نيۇيورك نېفىت باھاسى 19-يانۋار داۋاملىق تۆۋەنلىدى.
19-يانۋار بازار يېپىلغاندا، نيۇيورك تاۋار بېرژىسىنىڭ 2016-يىلى 2-ئايدا مال...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved