‹بىر موچەنلىك پۇل ›نىڭ سېتىلىش باھاسى 40مىڭ 600يۈەنگە ئۆرلىدى

تېڭشۈن خەۋەر تورى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى تېز سۈرەتتە ئۆرلىگەن بولسىمۇ ،بىراق ساقلانغان مىقدارى يەنىلا بەك ئاز ،ئىلگىرى كېيىنلىك ۋە توپلاش قىيىن بۇلۇش مەسىلىسى مەۋجۇت .

سېلىشتۇرما جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ئۈچىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلىنى ئوبوروت قىلىشنى توختاتقان يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ، بازاردا يەنىلا بىر قىسمى ساقلىنىپ قالغان ،ئالدىنقى ئىككى ئەۋلاد خەلق پۇلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ،سېتىلىش باھاسى تۆۋەن .مۇشۇ سەۋەپتىن يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىمۇ كۈچلۈك .

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈچىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلىنىڭ باھاسىدا ئۆسۈش زور بولدى ،بولۇپمۇ بىر موچەنلىك قەغەز پۇلنىڭ باھاسى تېز سۈرەتتە 40مىڭ 600يۈەنگە ئۆسۈپ كەتتى.بۇنداق ئۈزلۈكسىز ئۆسۈش ھالىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ،بىر قىسىم ئۆيىدە ئۈچىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلىنى ساقلاپ قالغانلار ئۈچۈن بىر يېڭى قىزىقىش سەھنىسى ھازىرلىدى .

ئەمەلىيەتتە ھازىر ھەرقانداق بىر ئۈچىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولماستىن بەلكى ، بۇ باھا پۇلنىڭ سۈپىتى ، سانى ۋە تۈرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

.

ئۈچىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلى 1962-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى تارقىتىلغان بۇلۇپ ،2000-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوبوروت قىلىشتىن توختىتىلغان . بۇ خىل ئۈچىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلى ،ئوبوروت ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بىر ئەۋلاد قەغەز پۇل ھېسابلىنىدۇ .

تېمىسى ۋە ئىدىيىسى ئېنىق بۇلۇش ،تۈرى توغرا ۋە سۈپەتلىك بۇلۇش ، بېسىپ تارقىتىلىشى مۇكەممەل بۇلۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئۈچىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلى تارىختا شانلىق بىر تۆھپە بېتىنى يېزىپ چىققان . بۇ بىر ئەۋلاد خەلق پۇلىنىڭ بىر موچەنلىك ،ئىككى موچەنلىك ،بىر يۈەنلىك ،ئىككى يۈەنلىك ،بەش يۈەنلىك ۋە ئون يۈەنلىك رەقەم قىممىتى ،خەلقنىڭ پۇلىنىڭ باسمىچىلىق ئۇسۇلى بويىچە ،ئوخشىمىغان قەغەز ،رەقەم ،ۋە رەڭلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى .

قەغەز پۇل يېنىۋالغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشى بويىچە ،بۇلارنى 20 ئىنچىكە نۇقتا ۋە تۈرگە ئايرىپ چىقتى .

ئۈچىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلىنى يىغىپ ساقلىغۇچىلار چوقۇم پۇلنىڭ يېڭى ۋە كونىسىنىڭ پەرقىنى ئېنىق بىلىۋېلىشى كېرەك ، ئەگەر قارىغۇلارچە پۇل خەجلەپ يىغىۋالغاندا چوڭ زىيان كېلىپ چىقىشى مۇمكىن .

ھازىرغىچە پۇل بازىرىدا ،پۈتۈن مەھسۇلات باھاسىنىڭ يۇقىرى ، بىراق زىيانغا ئۇچرىغان ،بۇزۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى يەنىلا تۆۋەن .

ھازىر ئۈچىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلى ئىچىدىكى باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى يېشىل رەڭلىك سۇ باسمىسى بېسىلغان ‹بىر موچەنلىك ›پۇل بۇلۇپ ، ئەڭ يېڭى بېكىتىلگەن باھاسى 40مىڭ 600يۈەن ،ئەگەر پۇل كونا بولسا ياكى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا ،ئەھۋالغا قاراپ باھا بېكىتىلىدۇ ،يەنى 8000يۈەندىن 20مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ .

باشقا يۇقىرى باھالىق پۇللاردىن يەنە :‹چىلان رەڭلىك بەر موچەنلىك پۇل ›بار بۇلۇپ باھاسى 6800يۈەن ،كونىراق بولسا 1000يۈەن ، يېشىل رەڭلىك فىلىگرانسىز باسما بىلەن بېسىلغان بىر موچەنلىك ،يېڭى پۇلنىڭ باھاسى 3200يۈەن ،بىر بىر يۈەنلىكنىڭ باھاسى 2500يۈەن ،بىر يۈەنلىك ،بەش يۇلتۇزلۇق سۇ باسمىسىدا بېسىلغاننىڭ باھاسى 1600يۈەن ئىكەن

.

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
15-04-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: تېڭشۈن تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
شىنخۇا تورى تېز خەۋىرى : چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراق پايتەختى باغداد ئەتراپىدا 30-ئاپرېل ماشىنا بومبا پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 14 ئادەم قازا قىلىپ، 25 ئادەم يارىلانغان. خەۋەر قىلىنىشى...
30-04-2016
    كورىيە مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە پرېزىدېنتى پاك گىيۇنھى 29- ئاپرېل چوڭۋادى شەھىرىدە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكىنىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسى قوماندانى كورتىش. سىكارپارورتىغا ۋەتەنپە...
30-04-2016
    ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 29-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ دېيىشىچە، جۇڭگو ئامېرىكا ستېننىس ناملىق ئاۋىئاماتكا جەڭ توپىنىڭ شىياڭگاڭنى زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلغان. ستېننس ناملىق ئاۋىئاماتكا جەڭ توپى يېقى...
30-04-2016
     جۇڭگو 28-ئاپرېل چەتئەللەردىكى ھۆكۈمەتتىن خالىي تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنىنى چىقاردى. چەتئەللەردىكى ھۆكۈمەتتىن خالىي تەشكىلاتلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، قانۇنغا ئۇيغۇنلىرىنى قوغد...
30-04-2016
28-ئاپرېل، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 5-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى بېيجىڭدا باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىننىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، سۆھبەتلى...
30-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئارگىنتىنا بۇيىنۇس ئايرىس، شۇ كۈنى ئارگېنتىنادىكى ئىشچىلار تەشكىلاتى كەڭ كۆلەملىك يىغىلىش نامايىشى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشچىلار باجنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكى، ئىش ئورنىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىگە قارشى ئېتىر...
29-04-2016
     بۇ يىل 4–ئاينىڭ 26–كۈنى چېرنوبېل يادرو ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنى. رۇسىيە زۇڭتۇڭ پۇتىن 26–ئاپرېل: چېرنوبېل يادرو ھادىسىسىدىكى ئاخىرەتلىك ئىشلارنى ئۈستىگە ئالغانلانىڭ باتۇرلۇقى ۋە پىداكا...
29-04-2016
    ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كلىنتون 21–ئاپرېل ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ بۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئويلىماپت...
29-04-2016
    ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون 26–ئاپرېل باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ: جەنۇبىي سۇدان ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى، سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ مەشئەلنىڭ پايتەخت جۇباغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ھەم قەسەم بېرىپ جەنۇبىي سۇداننىڭ...
29-04-2016
    رۇسىيە تاسسىس ئاگېنتلىقىنىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى موسكۋا ئىچكى ئىشلار باش ئىدارىسى ئاخبارات باشقارمىسى ئۇچۇر تارقىتىپ، موسۋانىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش...
Powered by Leglek