خەلق پۇلى دۇنيا پۇلىغا ئايلانغاندىن كېيىن

        1994-يىلى خوتەنلىك يىگىت جۈرئەت تۇنجى قېتىم ئامىرىكىغا تۇققان يوقلىغىلى باردى.400ئامىرىكا دوللىرى ئۇ يۆتكىيەلەيدىغان بارلىق كاپىتال ئىدى.

2014-يىلى،ئۈرۈمچىلىك قىز قەلبىنۇر سومكىسىنى كۆتۇرۇپلا ساياھەتكە باردى.ياۋروپادىكى ئۈچ دۆلەت ساياھىتىدە، بىركارتا بىلەن،پۇخادىن چىققۇچە ئوينىدى.

     20 -ئەسىردىن باشلاپ،دۇنيا“يەر شارى كەنتى”گە ئايلاندى.بۇنىڭغا يانداشقىنى،ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، پۇل بىلەن پۇلنىڭ ئالمىشىشى،يۈرەك بىلەن يۈرەكنىڭ يېقىنلىشىشى بولدى.خەلق پۇلى-جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل بىرلىكى،‘ خەلقئارالىشىشىش’بايرىقى ئاستىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالدى.


خەلق پۇلىنىڭ ئۆتمۈشى

ئامىرىكىدا تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقىنىغا ساپساق10يىل بولغانجۈرئەت، 1994-يىلى20 ياشقا كىردى.نىيويوركتا ئوقۇۋاتقان ئوغلىنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئانا تۇنجى قېتىم ئۆزى يالغۇز دۆلەت ئىشىكىنى ئاتلىدى.

1994-يىلىدىكى جوڭگودا، تاشقى پروۋوتقا قاتتىق چەك قويۇش تۈزۈمى ئورنىتىلغان.پۇقرالارچەتكە چىقىپ تۇققان يوقلاش، تۇرالغۇسىنى يۆتكەپ چېگرىدىن چىقىش، چەتكە چىقىپ ئوقۇش قاتارلىق شەخسي سەۋەپلەربىلەن ئاكسىيە سېتىۋالغاندا، چېگرىدىن چىقىش گۇۋاھنامىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلاربىلەن تاشقى پروۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىپ، تەستىقنى ئالغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن بانكىغا بېرىپ ئاكسىيە سېتىۋالسا بولاتتى.لېكىن ھەربىر ئادەم بىر قېتىمدا پەقەتلا 500 ئامىرىكا دوللىرى سېتىۋالالايتتى. ئۇنىڭدىن ئارتۇق سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەستىق ئېلىشى كېرەك ئىدى.

شۇچاغلاردا 1 ئامىرىكا دوللىرى 8.6يۈەن خەلق پۇلىغا توغرا كېلەتتى.500 ئامىرىكا دوللىرى بولسا 4300يۈەن خەلق پۇلى بولاتتى.جۈرئەتنىڭئېسىدە قېلىشىچە، شۇ يىلى،بىرلا ۋاقىتتا 4300يۈەن چىقىرىش، بىر ئاددى خىزمەتچى ئائىلىسى ئۈچۈن ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى.ئۇ چېگرىدىن چىقىش گۇۋاھنامىسى ۋە تۇققان يوقلاش كىنىشكىسىنى ئېلىپ بانكىغا بېرىپ،400 ئامىرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرغانىدى.

 ئەلۋەتتە، بەزى ئاكسىيەگە كۈچلۈك ئېھتىياجى بولغان كىشلەرگە نىسبەتەن، ھۆكۈمەت بېكىتكەن چەك يېتىشمەيتتى.بۇلار بەزى قانۇنسىز بولغان ئاكسىيە بازارلىرىدىن سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولاتتى.بۇنداق قارا بازارلارنىڭ تاشقى پروۋوت نىسبىتى ھۆكۈمەت تەرەپتىن يۇقىرى بولاتتى. بۇنداق قارا بازارلار ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ھايانكەشلەرنىڭ توپلاشقان ئورنى ئىدى. ئادەتتە تاشقى پروۋوت بەلگىلەنگەن بانكىلارنىڭ ئەتراپى ياكى سىرتىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر مەيدانى بولاتتى. ياڭ خېمۇ شۇ چاغداھايانكەشلەرگەيولۇققانىدى. بانكىنىڭ سىرتىدا ئۇنىڭدىن ئاستاغىنە ئامىرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرىلىدىغان -ئالماشتۇرۇلمايدىغانلىقىنى سورىغانىدى.〈كېيىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بىلدىمكى، بۇنداق قارا بازارلاردا، 10-12يۈەن خەلق پۇلىغا ئاران 1 ئامىرىكا دوللىرى ئالماشتۇرغىلى بولاتتىكەن.〉 دېدىجۈرئەت.


 ئامىرىكا دوللىرى بىلەن چەتكە چىقىپ رەڭلىك تېلىۋېزور ئېلىپ قايتىپ كېلىش

 1995-يىلى،رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن،جۈرئەتسېئاتىلدا رەسمىي يوسۇندىكى چەتتىكى تۇرمۇشنى باشلىدى.

 1997-يىلى، تۇققان يوقلاش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتقاندا تۇققىنىغا ئالغاچ كەلگەن بىر دانە رەڭلىك تېلىۋىزور،تۇققىنىنىڭ ئالاھىدە ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى.شۇندىن كېيىن ھەر قېتىم ۋەتەنگە قايتقاندا، ۋەتەندىكى دوستلىرى ئۇنىڭغا ئامىرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئېلىكتىر سايمانلىرىنى ئالغاچ كېلىشنى ئېيتقانىدى.بۇلارنىڭ ئىچىدە رەڭلىك تېلىۋېزور بىلەن كىرئالغۇ ئەڭ كۆپ ئىدى. شۇ چاغلاردا توڭلاتقۇ، رەڭلىك تېلىۋېزورلارنى600-700 ئامىرىكا دوللىرىغىلا سېتىۋالغىلى بولاتتى.دۆلەت ئىچىدىكى سودا سارايلاردا ئېمپورت مەھسۇلاتلاردىن كۆپ ئەرزان ئىدى دېدىجۈرئەت.

 1997-يىلى، 8.2898 يۈەن خەلق پۇلىغا 1 ئامىرىكا دوللىرى ئالماشتۇرغىلى بولاتتى. كېيىنكى 7 يىلدا تاشقى پروۋوت نىسبىتى ئىزچىل 8.277:1دىن تۆۋەن بولۇپ كەلدى.ھەرقېتىم سېئاتىلغا قايتىشتىن بۇرۇن،جۈرئەتدوستلىرى بەرگەن تېلىۋېزور ۋە كىرئالغۇلارنىڭ پۇلىنى ئېلىپ بانكىغا بېرىپ ئامىرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇراتتى. 1998-يىلى،ئۇ ئالماشتۇرغان ئامىرىكا دوللىرى نيو-يوركقا تۇققان يوقلىغىلى بارغان چاغدىكىگە قارىغاندا 3 ھەسسە كۆپ بولۇپ، 200 ئامىرىكا دوللىرىغا بارغانىدى. 2003-يىلى يەككە پروۋوت چېكى500 ئامىرىكا دوللىرىغا ئۆستۈرۈلدى. 2005-يىلى 8000 ئامىرىكا دوللىرى بولدى. 2006-يىلى،20مىڭ ئامىرىكا دوللىرى بولدى.2007-يىلى 50مىڭ ئامىرىكا دوللىرى بولۇپ، تۆت يىلدا 10 ھەسسە قاتلاندى.ئۇ پۇلنىڭ سوممىسىدىن ئەمەس، سېئاتىلدا يەرلىك پۇقرالارنىڭ خەلق پۇلىنى قوبۇل قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، خەلق پۇلىنى ئامىرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇراتتى.


خەلق پۇلىنىڭ بۇگۇنى

يىقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان جۇڭگۇلۇقلار بەس بەستە سىياتىلغا ساياھەتكە چىقماقتا ،بۇ دەھشەت ئۆزگىرىشجۈرئەتنىڭتەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتكەن ئىدى .

ئامىرىكىلىق دوستۇمنىڭ ئىيتىشىچە جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇردىكەن ، ساياھەت يىتەكچىسى بولۇش سۇپىتى بىلەن ئۇ دائىم جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىلەر ئۆمىكىنى ئۇچىرتىپ قالىدۇ ، داڭلىق ماركىلىق ماللار ھەر بىر ئۆمەك ئەزاسىنىڭ ئارزۇسى ،ئۇلار سومكا ،گىرىم بويۇملىرى قاتارلىق نەرسىلەر بار جايغا بىرىشنى ياختۇردىكەن ،دۆلەت ئىچىدىكى ئادەتتىكى خىزمەتچىلەر بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ سىتىۋالغان زىبۇ زىننەت بويۇملىرى 30 مىڭ ، 50 مىڭ ،100 مىڭدىن كەم بولمايدىكەن ،ھازىر سىياتىل كوچىسىدا ھەممە يەردە ئالماشتۇردىغان بانكا ياكى دۇكانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن ، كۆپ مىقداردا سىتىۋالغان ئىلىكتىر سايمانلىرىنى ئۇرۇق تۇققانلارغا ،دوست بۇرادەرلەرگە سوۋغا سۈپتىدە بىرىشتىن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سوۋغا قىلىشقا ئۆزگەردى . سىياتىلنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشى بولسا مۇقىم خىزمەتچىلەرنىڭ سائىتىگە 10 ئامرىكا دوللىرى ، شۇڭا مىنىڭ بۇ يەردە نەچچە يىلدىن بىرى تاپقان پۇلۇم كۆپ بولمىدى ،جۈرئەتبۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ ،ئوخشاشلا 2000 ئامرىكا دوللىرى .

2007-يىل ئالغىنىم دۆلەت ئىچىدىكى 14000 يۇەن خەلىق پۇلىغا باراۋەر ، ئىلگىرىكىگە سىلىشتۇرغاندا 2000 يۇەن تۆۋەنلىدى ،باشقىچە قىلىپ ئىيتقاندا 2000 ئامرىكا دوللىرى ئىستىمال كۇچى جۇڭگۇدا تۆۋەنلەپ كىتىپ بارىدۇ ،جۈرئەتنىڭبىلىشىچە ،بۇ قىسقارتىلغان 2000 ئامرىكا دوللىرى بولسا باج ئالمىشىشنىڭ يەنە بىر جەھەتتىكى خەلق پۇلىنىڭ مۇقىم ھالەتتە ئىشىشى ئىكەن .


بىر تال بانكا كارتىسى ياۋروپا ،ياپونىيە ،كورىيەدە ئىقىپ يۇرمەكتە

جۈرئەتبىر قۇر چاپان ئىلىش ئۇچۇن ئىككىلىنىپ تۇرغان ۋاقىتتا ،ئۈرۈمچىلىكقىزقەلبىنۇريەنە بىر قىتىملىق ساياھىتىنى باشلىۋەتتى ،ياۋروپادىكى ئۇچ كۇنلۇك ساياھەتتە ،ئاسمان تولىمۇ كۆك بولۇپ ،ئادەمنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلاتتى .

بۇ قىتىم بىيجىڭدىن ئايرىلغان ۋاقىتتاجۈرئەتبانكىغا بىرىپ خەلىق پۇلىنى ياۋرۇغا ئالماشتۇرمىدى ، ئايروپىلان بىرلىنغا قونغاندىن كىيىن ئايروپىلان ئىستانسىدا بىۋاستە بىر ئاز پارچە پۇل ئالماشتۇردى ،قالغان نەرسىلەرنى بولسا بانكا كارتىسىغا سىتىۋالدى.

مىھمانخانىدا تۇرۇش ،تاماق يىيىش ،نەرسە كىرەك سىتىۋىلىش ، قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى كارتا سۇركەش بىلەن قىلدى .

ئۈرۈمچىلىكقىزقەلبىنۇرساياھەت قىلىشنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدىغان قىز ئىدى ،مەسىلەن ھەر قىتىم ئۇزۇن سەپەردە ئىشلىتىدىغان ساپما كەشنى ئۇ ئىلگىرى كاماندۇرۇپكىغا چىققاندا مىھمانسارايدىن ئىلىپ كەلگەن بولۇپ شۇڭا ھىسابات قىلغاندا خەلق پۇلى يۇقىرى بولغاندا ئالماشتۇرۇش كەم بولسا بولمايدىغان دەرىسلىك ئىدى ، بىراق يىقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇ بۇ ئادىتىنى تاشلىدى ،بۇ يىل 3-ئايداقەلبىنۇركورىيەنىڭ پايتەختى سىيولغا 4 كۇنلۇك ئوينىغىلى باردى .مىڭ دوڭ پىيادىلەر كوچىسىدا ھەممە يەردە بانكا كارتىسى ئارقىلىق ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان كورىيە پۇلى ئىشىپ كەتسە يەنە ئايروپىلان ئىستانسىغا بىرىپ ئالماشتۇرغىلى بولاتتى ،يەنە سودا سارايلاردا مەخسۇس جۇڭگۇلۇق مىھمانلار ئۇچۇن 5% ئىتىبار قىلىناتتى ،بۇ ئىتىبار پائالىيتى بولسا ئەزالىق كارتىسىنىڭ ئەزالىق پاراۋانلىقىغا تەڭ كىلەتتى .

ئۇنىڭدىن سىرت ھىسابات قىلىش ئۇستىلىرى ،پۇل ئالغۇچى خانقىزلار بىۋاستە خەلىق پۇلىنى قوبۇل قىلاتتى ، ھازىر كۆپلىگەن ئىشەنچ كارتىسى شۇ كۇنى ھىساباتنى ئۇزۇۋىتىدۇ ، ئۇنىڭ ئۇستىگە 5% لىك ئىتىبار پائالىيتى ئەملىيەتتە بانكىنىڭكىدىن ئەرزان ئىدى ، بىرلەشمە كارتىسى نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنىڭ يىنىدا نەخ پۇل ئىلىپ يۇرۇشنى ھەل قىلىپ شەكىلسىز خەلىق پۇلى ھاسىل قىلدى ،شۇنداقلا جۇڭگۇلۇق ساياھەتچىلەرنىڭ خەلىق پۇلىنىڭ ئىقىپ كىتىشىدىكى ھالقىلىق ۋاستە بولۇپ قالدى .


خەلق پۇلىنىڭ كەلگۇسى

2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە جەنۇبى ئافرىقا داڭ چىقاردى .2014- يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ،كىشىلەر ئامرىكا قىتئەسىدىكى بىر دۆلەتنى تونۇدى .

پۇتبۇل مەستانىسى ئەلشادبىرازىلىيىگە بىرىپ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۆرۇشنى ئويلىغاندا ،بۇ دۆلەتكە نىسبەتەن ھىچقانداق چۇشەنچە يوق ئىدى ، پەقەت ئۇنىڭ ئامرىكا قىتئەسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ، دۆلەتنىڭ پورتىگال تىلى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى ، ئۇ يەنە 《بەيدۇ 》ئارقىلىق بىرازىلىيە دۆلەت پۇلىنىڭ لىرا ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدى .لىكىن لىرانىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تامامەن بىلمەيتى .

《بۇ ئانچە ئوموملاشمىغان پۇلنى پەقەت بىرازىلەدىلا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ》دەپ ئويلىغانتى .يولغا چىقىشتىن بۇرۇن،ئەلشادبىيجىڭدىكى سودا بانكىسىغا بىرىپ ،خەلىق پۇلىنى ئامرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇپ ئاندىن ئۇنى لىراغا ئالماشتۇراي دىگەندە ، بانكىدىكى خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭغا خەلق پۇلنى بىۋاستە لىراغا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ،لىرانىڭ    2.4 يۇەن خەلىق پۇلىغا تەڭ كىلىدىغانلىقىنى ئىيتىپ بەردى .

دۇنيا لوڭقىسى سەپىرىنىڭ باشلىنشىلائەلشادنىخۇشال قىلىۋەتتى .تىخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى ،بىرازىليەگە بارغاندىن كىيىن ئۇ يەردە خەلق پۇلىنىڭمۇ قارشى ئالقىشقا ئىرىشىدىغانلىقىنى ،خالىغان يەردە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان يەرلەرنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ،ھەم شەرق غەرپ بىرلەشمە كارتىسىنى سىتىۋالسا نۇرغۇن سوۋغاتلارغا ئىرشەلەيدىغانلىقىنى بىلدى .

《بىرازىليەنىڭ سودىگەرلىرى ناھايىتى قىزغىن ئىكەن ،خۇددى جەنۇبى ئامرىكىنىڭ تىمپىراتۇرسىغا ئوخشاش،》دىدىئەلشاد.

ۋاڭ لىن ھۆنەر سەنئەت بويۇملىرىنى سىتىۋالغاندا ،سودىگەرلەر ئۇنىڭغا بىر يۇرۇش كىپىنەك نۇسقىسى سوۋغا قىلغانىدى ، ۋەتەنگە قايتقاندىن كىيىن ،ئۇ كىپىنەكلەرنى تامغا ئىسىپ قويدى ، ھەر قىتىم ئۇنىڭغا قارىغاندا ،گىرمانىيە چىمپىيۇنىغا قولغا كەلتۇرگەندىكى ھالەتنى ئويلىغاندەك بولاتتى .

ھازىرچە ،بىيجىڭ شەھەر ئاھالىسى سودا بانكىسىدا بىۋاستە ئالماشتۇرۇرغىلى بولىدىغان پۇللاردىن 23 خىل بولۇپ ،ئامرىكا دوللىرى ،ياۋرۇ ،يىن قاتارلىق خەلققە تونۇشلۇق بولغان پۇللاردىن باشقا يەنە لىرا قاتارلىق بۇرۇن ناھايىتى ئاز كۆرلىدىغان پۇللارنىمۇ بىۋاستە ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن .

بۇنىڭدىن باشقا ،خەلىق پۇلى بىۋاستە سەككىز تۇرلۇك خەلق پۇلى بىلەن ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى ،بۇنىڭ ئىچىدە ،2014- يىلىدىن بۇرۇن ،خەلىق پۇلى ياۋرۇ ،يىن ، سىنگاپۇر پۇلى بىلەنلا بىۋاستە ئالماشتۇرلاتتى .ھازىر بولسا ،خەلق پۇلى بۇلاردىن سىرت يەنە رۇفى ،ياپۇن پۇلى بىلەنمۇ ئالماشتۇرۇش ئۇچۇن 4 يىللا ۋاقىت كىتەتتى .


خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشى مۇقەررەر ھادىسە

بىر دۆلەت خەلق پۇلنىڭ خەلقئارالىششى ،ئەڭ ئاۋال شۇ دۆلەت ئىقتىسادى ئاساسى تەرىپىدىن بەلگىلنىدۇ .كەڭرى بولغان ئىقتىسادى دائىرە ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئىلگىرلەش يۆلىنىشى ، ئالماشتۇرغۇچىلارنىڭ بۇ خىل پۇلغا بولغان ئىشەنچىنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى .ئىقتىسادنىڭ ئىچىلىشچانلىقىنى يۇقىرى ، دۇنيا ئىقتىسادىدا موھىم ئورۇندا تۇردىغان دۆلەتلەر ، ئالماشتۇرغۇچىلارنىڭ شۇ دۆلەت پۇلىغا بولغان ئىھتىياجىنى قامدىيالايدۇ .بۇ ئىككى نوقتىدىن قىلىپ ئىيتقاندا ،دۇنيانىڭ موھىم ئىقتىسادى بازىسى بولغان جوڭگۇ خەلق پۇلىنىڭ خەلقارالىشىشى ،دۇنيا پۇلى بولۇشى مۇقەررەر ھادىسە ھىسابلىندۇ .

خەلق پۇلنىڭ خەلقئارالىششى جۇڭگۇنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان تەسىر كۇچىنى زورايتىشقا ، پۇل پاخاللىقى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ،ھەم جۇڭگۇ خەلقئارا سودىسى ۋە مەبلەغ سىلىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق .يەنە تاشقى پىرۋوت ئىشلىتىش سەۋەبلىك بايلىقنىڭ ئىقىپ كىتىش خەۋپىنى كۇچەيتكىلى بولىدۇ .

ئەلۋەتتە ،ھازىرقى ئەھۋالغا قارىغاندا خەلىق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىش سۇرئىتى تىزلىشىۋاتقىنى بىلەن ، دۇنيا پۇلى بولۇشقا يەنە چوڭ ئارلىق بار ،بۇ يولدا ھەممە جايغا چەكلىمە قويۇشقا بولمايدۇ ، ھەم بەك ئالدىراپ كىتىشكىمۇ بولمايدۇ ،بىر تەرەپتىن جۇڭگۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئۇلىنى ياخشى قويىشى ، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى سەۋىيسىنى ئۆستۇرىشى يەنە بىر تەرەپتىن كاپىتالىزىم بايرىقى ئاستىدىكى خەلىقئاراغا ماس كەلمەيدىغان چەكلىمىلەرنى يىڭىشى كىرەك . خەلىق پۇلىنىڭ خەلقئارالىششى ئەلۋەتتە يەنە ئەكىس تەسىرلەرنىمۇ ئىلىپ كىلىدۇ ،مەسىلەن نەق پۇلنى باشقۇرۇشنىڭ قىيىنلىشىشى ،خەلق پۇلىنىڭ ئېقىشى بىر قىسىم قانۇنسىز پائالىيەتلەر ،قىمار ، زەھەر سودىسى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلدۇ ، لىكىن يىراققا قارىساق ،خەلقئارالىشىشنىڭ پايدا زىينىنى ياخشى دەڭسەيدىغان بولساق پايدىسى ھامان زىينىدىن كۆپ.



خەتكۈچلەر:
30-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىنىڭ 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دوللار/ خەلق پۇلى ئوتتۇرچە باھاسى 6.5202 يۈەن بولۇپ، چوڭ دائىرىدە 74 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلىدى؛ جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى ئېلان قىلغ...
06-05-2016
    يېقىنقى مەزگىللەردە ئالتۇن باھاسى 1300 دوللاردىكى چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ ئەھۋالغا قارىتا تەھلىلچىلەر بۇنداق دەپ قارىدى، پەقەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە ئالتۇننىڭ ي...
04-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاۋىستىرالىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئارگىل (Argyle) ئالماس كان رايونىدىن ئېغىرلىقى 9.17 كارات كېلىدىغان ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بىنەپشە رەڭلىك ئالماس بايقالغان بولۇپ، بۇ ئالماسنى پا...
04-05-2016
    دۇنيادىكى داڭلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ماشىنىسى ياساش كارخانىسى شىۋېيتسارىيە ‹‹رېيتېر›› گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹رېيتېر›› توقۇمىچىلىق ئەسۋاب – ئۈسكىنىلىرى چەكلىك شىركىتى 28 – ئاپرېل ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات را...
04-05-2016
    نەچچە كۈندىن بۇيان ئالتۇن، كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ھەتتا 1298 دوللارغا چىقىپ، ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنىڭ يانچۇقىنى خېلىلا چىڭداپ قويغان ئىدى. ئەمما بۈگۈن نەق ئالتۇننى...
04-05-2016
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇرسىتى ئاسىيا رايونىدا، ئالدىنقى ھەپتە جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيە باشچىلىق...
04-05-2016
    دېھقان ئىشلەمچىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەت تۈزۈپ چىققان ئولتۇراق ئۆي لايىھەسى پىلانىغا قارا سايە تاشلىدى. دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى 28- ئاپرېل ئېلان قىلغان «2015- يىللىق...
03-05-2016
    رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» 4-ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە رۇسىيەنىڭ نېلسون ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 63 نۇقتىغا چۈشكەن، مەزكۇر كۆرسەتكۈچ 2005-يىلى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى ئە...
03-05-2016
    يېقىندا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىقتىساد تاراتقۇسى فوربېس ئاسىيا رايونىدىكى 30 نەپەر 30 ياشتىن تۆۋەنلەر «Forbes 30 Under 30 Asia» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ فوربېسنىڭ ئاسىيانى باھالاش دائىرىسى قىلغان تۇنجى نۇسخا ت...
03-05-2016
    «ياۋروپا ماشىنا خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېن گۇروھى دېزىل ماتورىدا ساختىلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقتىن، 2015-يىلى 5.515 مىليارد ياۋرو زىيان تارتتى، شۇ سەۋەبتىن ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائاشىنى كېچىكتۈرۈپ ب...
Powered by Leglek